خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلتۈرۈلدى


2006.08.08

جوڭگو مەملىكەتلىك ئىجتىمائىي سالامەتلىك فوندى جەمئىيىتىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك بىر ئەمەلدارى تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىپ ئىجرا قىلىنغان.

خىتاي دائىرىلىرى مەزكۇر جاسۇسلۇق دىلوسى توغرىسىدا مەخسۇس سىنئالغۇ فىلىمى ئىشلىدى ۋە مەملىكەتنىڭ ھەر قايسى جايلىرىدا پارتىيە ۋە ھۆكۈمەت خادىملىرىغا كۆرسىتىپ، ئۇلارنى دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ساقلاش توغرىسىدا ئاگاھلاندۇردى.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جوڭگو ئىجتىمائىي سالامەتلىك فوندى جەمئىيىتى باياناتچىسى يان سەيپىڭ، مەزكۇر ئورگاننىڭ ئىشخانا مۇدىرى توڭ دانىڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىش سەۋەبىدىن ئەيىبلىنىپ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغاندىن كېيىن، بۇ يىل 21 - ئاپرىل كۈنى ئىجرا قىلىنغانلىقىنى بىلدۈرگەن. يان سەيپىڭ، توڭ داپىڭنىڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغانلىقىنى تەكىتلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ئۇ بۇ دىلونىڭ تەپسىلى ئەھۋالىنى ئاشكارىلىمىدى.

جوڭگو بىلەن تەيۋەن 1949 - يىلى ئۆز ئارا ئايرىلىپ كەتكەندىن بۇيان، تەيۋەن خىتاينىڭ ھەربىي ۋە دىپلوماتىك بېسىمىغا ئۇچراپ كەلمەكتە ۋە بىرى بىرىنىڭ ئۈستىدىن جاسۇسلۇق پائالىيەتلىرىنى قانات يايدۇرماقتا.

تەيۋەن دۆلەت مۇداپىئە مىنىستىرلىكى باياناتچىسى ۋاڭ رۈيلوڭ، توڭ دانىڭنىڭ جاسۇسلۇق ۋەقەسىگە باھا بېرىشنى خالىمىدى. ئۇ، توڭ دانىڭنىڭ تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلغان - قىلمىغانلىقىنى باھالاش توغرا بولمايدۇ، دەيدۇ.

يېقىنقى يىللاردا خىتاينىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارلىرىدىن تەيۋەنگە جاسۇسلۇق قىلىپ قولغا ئېلىنغانلار خېلى بار. بۇ جوڭگو ھاۋا ئارمىيە كوماندىرلار مەكتىپىنىڭ مۇدىرى ۋە مۇئاۋىن مۇدىرلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار گېنېراللارنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.