خىتاي ساقچىلىرى سوتقا تارتىلىۋاتقان بىر ئايال مەھبۇسنىڭ بالىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋەتكەن


2004.08.25

خىتاي ساقچىلىرى يېقىندا خروئىن يۆتكەش جىنايىتى بىلەن تۇتۇلغان ما ۋېيخۇانىڭ قورسىقىدىكى 50 كۈنلۈك بالىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋەتكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ " بېيجىڭ ياشلار گېزىتى" دە ئېلان قىلىنغان خەۋەرنى نەقىل كەلتۈرىشىچە، 29 ياشلىق ماۋېيخۇا بۇ يىل بىرىنچى ئايدا گەنسۇنىڭ لەنجۇ شەھىرىدە 1600 گرام خروئىن يۆتكىگەنلىگى ئۈچۈن قولغا ئېلىنغان بولۇپ، لەنجۇ ساقچى دائىرىلىرى -2ئايدا بۇ ئايالنىڭ قارشى تۇرىشىغا قارىماستىن دوختۇرخانىدا ئوپېراتسىيە توختامىغا ئۆزلىرى قول قويۇپلا، ئۇنىڭ 50 كۈنلۈك بولغان بالىسىنى مەجبۇرىي ئالدۇرىۋەتكەن.

خەۋەردىن مەلۇم بولىشىچە، ئېلىپ ماڭغان خروئىن مىقدارىغا ئاساسلانغاندا بۇ ئايال ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىشى مۇمكىن ئىكەن. خىتايدا ساقچىلارنىڭ ھوقۇقىدىن قالايمىقان پايدىلىنىپ مەھبۇسلارنى قىيىن-قىستاق قىلىش ئەھۋالى بىر قەدەر ئېغىر بولۇپ، ئىلگىرى گۇاڭدوڭ ئۆلكىسىدە ساقچىلار بىر كىشىنى، سالاھىيەت كىنىشكىسىنى ئۇنتۇپ قالغانلىقى سەۋەبىدىنلا ئۇرۇپ ئۆلتۈرگەن ئىدى.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.