خىتاي ھۆكۈمىتى سىچۈئەندە سۇ ئامبىرى ياساشقا قارشى چىققۇچىلارنى قاتتىق جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈردى


2004.11.02

ئەنگىلىيە ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيە خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاينىڭ سىچۈئەن ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت رەھبەرلىرى، ئۆتكەن ھەپتە "سۇ قۇرۇلۇشىغا قارشى چىققانلارنى ۋە نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەنلەرنى قاتتىق جازالايمىز" دەپ تەھدىد قىلغان.

سىچۈئەننىڭ خەنيۇئەن ناھىيىسىدە ياسىلىۋاتقان پوپوگاۋ سۇ ئامبىرى سەۋەبىدىن مەنپەئەتى زىيانغا ئۇچرىغان 50مىڭدىن ئارتۇق كىشىنىڭ نارازىلىق نامايىشى ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى باشلانغان ئىدى. جۈمە كۈنى نامايىشچىلار بىلەن ساقچىلار ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا بىر ئادەم ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن.

خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، توقۇنۇشتىن كېيىن ئون مىڭلىغان كىشى ئۆلتۈرۈلگەن كىشىنىڭ جەسىتىنى كۆتۈرۈپ ھۆكۈمەت بىناسىنىڭ ئالدىغا كەلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى ئەينى ۋاقىتتا نامايىشچىلارنى مەزكۇر مەسىلىنى ياخشى بىر تەرەپ قىلىش ۋەدىسى ئارقىلىق قايتۇرغان.

ب ب س رادىئو تېلېۋىزىيىسىنىڭ بۈگۈنكى خەۋىرىدىن ئاشكارىلىنىشىچە، خىتاي دائىرىلىرى، "مەزكۇر سۇ ئامبىرى قۇرۇلۇشى داۋاملاشتۇرۇلىدۇ، بۇنىڭغا قارشى چىقىپ قالايمىقانچىلىق تۇغدۇرغانلار تۇتقۇن قىلىنىدۇ" دەپ ئاگاھلاندۇرغان.

خىتاي خەۋەر ئاگېنتلىقلىرىنىڭ كۆرسىتىشىچە خىتايدا بۇلتۇردىن بۇيان 58 مىڭ قېتىمدىن ئارتۇق نارازىلىق نامايىشلىرى يۈز بەرگەن بولۇپ بۇ پائالىيەتلەرگە ئۈچ مىليوندىن ئارتۇق ئامما قاتناشقان. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.