خىتاي ئالىي سوتى توپىلاڭچى ئىشچىلارغا بېرىلگەن قاماق جازاسىنى بىكار قىلدى


2005.02.02
Share on WhatsApp
Share on WhatsApp

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى بىر سوتنىڭ گۋاڭدوڭدىكى بىر كارخانىدا توپىلاڭ چىقارغان دەپ قولغان ئىلىنغان 10 ئىشچىنىڭ قويۇپ بېرىلىشى توغرىسىدا چىقارغان ھۆكمى، بۇ خىتاي ئۆلكىسىدىكى 30 مىليون مۇساپىر ئىشچى ئۈچۈن ئۈمىدۋارلىق پەيدا قىلغان. لېكىن، نۇرغۇن ئىشچىلار سوتنىڭ بۇ ھۆكمى بىزنىڭ ناچار خىزمەت شارائىتىمىزنى ئۆزگەرتەلمەيدۇ دېيىشمەكتە.

خەۋەرلەرگە قارىغاندا، 31- دىكابىر كۈنى دوڭگۇەن ئالىي سوتى 2004 - ئاپرىل ئېيىدا تەيۋەن كارخانچىلىرى تەرىپىدىن قۇرۇلغان ئىككى ئاياق كارخانىسىدا يۈز بەرگەن توپىلاڭلارنى باشلاتقان دەپ ئەيىپلىنىپ ، ھەربىرى ئۈچ يىرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 10 ئىچىنىڭ جازاسىنى توڭلىتىش قارارى ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ھەممىسى خېنەن ئۆلكىسىدىن كەلگەن مەزكۇر ئىشچىلار، كارخانا باشقۇرغۇچىلىرى ئۇلارنىڭ مائاشلىرىنى ۋاقتىدا بەرمىگەنلىكى ئۈچۈن غەزەپلەنگەن ئىكەن .

مەزكۇر ئىشچىلارنىڭ قويۇپ بېرىلىشى ئۈچۈن پائالىيەت ئېلىپ بارغان ۋە سوتتا ئۇلارنى ئادۋوكات بىلەن تەمىنلىگەن. خوڭكوڭدا چىقىدىغان "خىتاي ئىشچىلار خەۋەرنامىسى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، دوڭگۇەن ئالىي سوتىنىڭ بۇ ھۆكمى، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ خىتايدىكى ئىشچىلار ھوقۇقىنى ياخشىلاشنى ئويلىشىۋاتقانلىقىنىڭ بىر بىشارىتى بولۇشى مۇمكىن ئىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، ئالىي سوت ئۈچ يىرىم يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان 10 ئىشچىنىڭ نېمە ئۈچۈن جازالىرىنىڭ بىكار قىلىنىپ ، قويۇپ بېرىلگەنلىكى ھەققىدە ئېنىق بىر نېمە دېمىگەن. لېكىن، ئىشچىلارنىڭ ئادۋوكاتلىرى توپىلاڭنىڭ توساتتىن چىققانلىقىنى ئۇلارنىڭ توپىلاڭنى پىلانلاپ چىقارغانلىقى توغرىسىدا ھېچقانداق پاكىت مەۋجۇت ئەمەسلىكىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.