لەنشى شەھەرلىك سوتى، ئۆتكەن يىلى جېجياڭ ئۆلكىسى دۇڭياڭ شەھىرىدە ئېلىپ بېرىلغان نارازىلىق ھەرىكىتىنى تەشكىللىگەن دەپ ئەيىبلەنگەن ئۈچ كىشىنى بىر يىلدىن 5 يىلغىچە قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.
ئۆتكەن يىلى ئاپرىلدا، جېجياڭ ئۆلكىسىنىڭ دۇڭياڭ شەھىرىدە مىڭلىغان نامايىشچى بىلەن خىتاي ساقچىلىرى ئوتتۇرىسىدا يۈز بەرگەن توقۇنۇشتا 50 ئەتراپىدا ساقچى يارىلانغان ئىدى. توقۇنۇش خىتاي ساقچىلىرىنىڭ، رايوندىكى بىر كارخانىنىڭ شەھەرنىڭ ھاۋا ۋە سۈيىنى بۇلغاۋاتقانلىقىغا نارازىلىق بىلدۈرۈپ نامايىش ئۆتكۈزگەن ئاساسلىقى ئاياللار ۋە ياشانغان كىشىلەردىن تەشكىل تاپقان 200 ئەتراپىدا نامايىشچىنى تارقىتىشى جەريانىدا ياشانغان ئىككى ئايالنىڭ ئۆلگەنلىكى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان.
رويترېس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بەش يىل قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان ليۇ خۈيرۇڭنىڭ ئايالى، ھېچكىم سوتنىڭ ھۆكۈمىنى قوبۇل قىلمايدۇ. سوتنىڭ ھۆكۈمى توغرا ئەمەس. ھۆكۈمەت مەسىلىنى جىمىقتۇرۇش ئۈچۈن سوتقا بۇنداق ئادالەتسىز بىر ھۆكۈم چىقارغۇزدى دېگەن ھەمدە سوتنىڭ ھۆكۈمىگە نارازىلىق بىلدۈرۈش ئۈچۈن ئالىي سوتقا ئەرز سۇنىدىغانلىقىنى بايان قىلغان.
يېقىنقى يىللاردا خىتايدا ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى چىرىكلىك، باي ۋە كەمبەغەللەر ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان پەرق ۋە مۇھىتنىڭ بۇلغىنىشى ھەمدە ھۆكۈمەت خادىملىرىنىڭ دېھقانلارنىڭ يەرلىرىگە ھەقسىز ئىگە بولۇۋېلىشى قاتارلىق قىلمىشلارغا قارشى كەڭ كۆلەملىك نامايىشلار ئېلىپ بېرىلماقتا. خىتاي رەسمىي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋىرىگە ئاساسلانغاندا، خىتايدا 2003 - يىلى 16000 نارازىلىق ھەرىكىتى ۋە 2004- يىلى چوڭ -كىچىك بولۇپ، 74 مىڭ قېتىم نارازىلىق ھەرىكىتى مەيدانغا كەلگەن. (قانات)