ئالىي سوت مەھكىمىسى: جۇڭگو تۆۋەن سەۋىيىلىك مەدەنىلەشكەن جەمئىيەت


2006.03.13

خىتاي دائىرىلىرى جۇڭگونى 5 مىڭ يىللىق مەدەنىيەتكە ئىگە دۆلەت، دەپ قارىسىمۇ، لېكىن خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى جۇڭگودا ئۆلۈم جازاسىنىڭ بىكار قىلىنماسلىقىدىكى سەۋەبلەرنىڭ بىرى، بۇ دۆلەتنىڭ " تۆۋەن سەۋىيىلىك مەدەنىلەشكە جەمئىيەت بولغانلىقىدۇر"، دەپ كۆرسەتتى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەرقىلىشىچە، خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسى" قانغا قان - جانغا جان" ئۆچ ئېلىش تۇيغۇسى 1 مىليارد 300 مىليون جۇڭگو خەلقىنىڭ ئىدىيىسىگە چوڭقۇر سىڭىپ كەتكەنلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن.

خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باياناتچىسى سۇن خۋاپىڭ، جۇڭگو يەنىلا تەرەققى قىلىۋاتقان دۆلەت. مەدەنىيلىشىش سەۋىيىسىنىڭ تۆۋەنلىكىدىن كىشىلەر يەنىلا قاتىلنىڭ جىنايەت بەدىلىنى ئۆز ھاياتى بىلەن ئۆتۈشى كېرەكلىكىگە ئىشىنىدۇ" دەيدۇ. لېكىن ئۇ، جۇڭگودا "ناھايىتى ئاز ساندىكى بىر قىسىم پەۋقۇلئاددە ئېغىرجىنايەتلەرنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى" بىلدۈرگەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە،خىتاي ئالىي سوت مەھكىمىسىنىڭ باشلىقى شي ياڭ ئۆلۈم جازاسىنى بىكار قىلىشنى رەت قىلغان. ئۇ، " جۇڭگونىڭ ھازىرقى سىياسىتى ئۆلۈم جازاسىنى ساقلاپ قېلىش, ئەمما ئۇنى ئېھتىيات بىلەن ئىشلىتىش " دەيدۇ.

خىتايدا ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلارنىڭ ھەقىقىي سانى دۆلەت مەخپىيەتلىكى، دەپ قارالماقتا. بەزى مەنبەلەر، خىتاي بويىچە بىر يىلدا 10 مىڭ كىشىنىڭ ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنىدىغانلىقىنى پەرەز قىلىشماقتا. ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى خىتاي بويىچە سىياسىي مەھبۇسلارغا ئۆلۈم جازاسى بېرىلىدىغان بىردىن بىر رايون ھېسابلىنىدۇ. ئامېرىكا تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى يېقىندا ئېلان قىلغان دوكلاتىدا خىتاينىڭ بۇ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغان. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.