بېيجىڭلىق مۇتەخەسسىس لۇ جەنخۇا 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى

جوڭگۇ كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ سەيشەنبە كۈنى ئاشكارىلىشىچە، خوڭكوڭلۇق مۇخبىر چېڭ شاڭ دىلوسىغا مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان، جوڭگو ئىجتىمائىي پەنلەر ئاكادېمىيىسىنىڭ مۇتەخەسسىسى لۇ جەنخۇا، خىتاي دائىرىلىرى تەرىپىدىن 20 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان.

كىشىلىك ھوقۇق ۋە دېموكراتىيە ئۇچۇر مەركىزىنىڭ بىلدۈرىشىچە، بېيجىڭ شەھەرلىك ئىككىنچى ئوتتۇرا خەلق سوت مەھكىمىسى، لۇ جەنخۇانى "دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارىلىغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئەيىبلىگەن، لۇ جەنخۇا سوتتا ئۆزىنى ئاقلاش ئۈچۈن ئادۋۇكات تەكلىپ قىلمىغان.

لۇ جەنخۇانىڭ ئايالى، ئىستانسىمىزنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلىپ "بۇ دىلو، باشتىن ئاخىر ناھايىتى ئەخمىقانىلىق بىلەن تۇرغۇزۇلدى، لۇ جەنخۇانىڭ جىنايىتى پۈتۈنلەي ئويدۇرۇلغان، چۈنكى مەن ئۇنىڭ قانداق بىر ئادەم ئىكەنلىكىنى تولۇق چۈشىنىمەن" دېدى. لۇ جەنخۇانىڭ ئايالى سۆزىدە يەنە "مەن يولدىشىمنى قۇتۇلدۇرۇش ئۈچۈن پۈتۈن كۈچۈم بىلەن تىرىشچانلىق كۆرسىتىمەن، لېكىن چوڭ قۇرۇقلۇقتا ئىش قىلىش ئىنتايىن قېيىن"، دېدى.

خوڭكوڭ ئەدەبىيات ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ، ئاسىيا - تىنچ ئوكيان تەتقىقاتچىسى ۋاڭ يۇجىن "لۇ جەنخۇانىڭ دېلوسى ئەسلىدە چېڭ شاڭنىڭ دىلوسى بىلەن بىرلىكتە بىر تەرەپ قىلىنىشى كېرەك ئىدى، ھازىر بۇ ئىككى دىلو بىر - بىرىدىن ئايرىلدى، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك ئىككى ئادەم بىر - بىرى ئۈستىدىن ھېچقانداق ئىسپات بېرەلمەيدۇ، شۇڭا بۇ سوت ھۆكۈمى ئادىل ھېسابلانمايدۇ" دېدى. خوڭكوڭلۇق مۇخبىر چېڭ شاڭ بۇ يىلنىڭ باشلىرى، خىتاي تەرىپىدىن "جاسۇس " دەپ ئېلان قىلىنىپ، 5 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى لۇ جەنخۇانى چېڭ شاڭ ئارقىلىق چەتئەلگە دۆلەت مەخپىيەتلىكىنى ئاشكارلايدىغان ماتېرىياللارنى يوللىغان دەپ ئەيىبلەپ، ئۆتكەن يىلى قولغا ئالغان.

لۇ جەنخۇانىڭ ئايالىنىڭ ئېيتىشىچە، ھۆكۈمەت لۇ جەنخۇانى قولغا ئېلىپ، تا ئۇنىڭ ئۈستىدىن ھۆكۈم چىقارغانغا قەدەر ئۇنى ئائىلىسىدىكىلەر بىلەن كۆرۈشتۈرمىگەن. (ئەقىدە)