خىتايدا يۈز بەرگەن " قارا خۇمدان" قۇللار ۋەقەسىدە ئۇرۇپ ئۆلتۈرۈلگەن ئىشچىنىڭ دىلوسىغا بىۋاستە چېتىشلىق جىنايەتچى ئۆلۈم جازاسىغا ھۆكۈم قىلىندى.
مەتبۇئاتلارنىڭ كۈچلۈك دىققىتىنى چەككەن، خىتاينىڭ شەنشى ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن " قارا خۇمدان " ۋەقەسىنىڭ يۈز بېرىشىگە مۇناسىۋەتلىك دەپ قارالغان شەنشى ئۆلكىلىك ھۆكۈمەت ئورگانلىرىدىكى بىر قىسىم خادىملار يېقىندا مەسئۇلىيىتىگە قاراپ، جازاغا تارتىلغان ئىدى.
بىرلەشمە ئاگېنتلىق سەيشەنبە كۈنى شەنشى ئۆلكىلىك ئالى سوت مەھكىمىسىنىڭ مۇئاۋىن باشلىقىنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈپ، قارا خۇمدان" ۋەقەسىدىكى باش جىنايەتچى جاۋ يەنبىڭنىڭ " مەدىكارلارنى كىشىلىك ئەركىنلىكتىن مەھرۇم قالدۇرۇپ، ۋەھشى ۋاستىلەرنى ئىشلىتىپ، ئۇلارنى قۇللۇق تۈزۈم بۇيىچە مەجبۇرىي ئەمگەككە سالغان" دېگەن جىنايەت بىلەن ئۆلۈم جازاسىغا تارتىلغانلىقىنى، ئىشچىلارنى كۆتىرەگە ئېلىپ ئىشلىتىشكە مەسئۇل بولغان جىنايەتچى خېڭ تىڭخەننىڭ مۈددەتسىز قاماق جازاسىغا، دىلوغا مۇناسىۋەتلىك جىنايەتچى ۋاڭ بىڭبىڭنىڭ 9 يىللىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلىنغانلىقىنى ئېلان قىلدى. سوت مەھكىمىسىنىڭ مەسئۇلى يەنە، بۇ ئۈچ جىنايەتچىنىڭ ئەرز قىلىش - قىلماسلىقىنىڭ ھازىرچە مەلۇم ئەمەسلىكىنى تەكىتلىگەن.
خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەرلىرىگە ئاساسلانغاندا، يېقىندىن بۇيان خىتاي ساقچى دائىرىلىرى زور كۆلەمدە ھەرىكەت قوزغاپ نەچچە يۈز ئىشچى خورلانغان " قارا خۇمدان " ۋەقەسىگە چېتىشلىق دىلو ئۈستىدىن تەكشۈرۈش خىزمىتىنى كۈچەيتكەن. (ئەقىدە)