جۇڭگو ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىسىنى 4 يىللىق قاماق جازاسىغا مەھكۇم قىلدى


2006.08.24

جۇڭگونىڭ سەندوڭ ئۆلكىسىدىكى بىر سوت مەھكىمىسى پەيشەنبە كۈنى ئەما كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچى چېن گۇاڭچىڭنى 4 يىل 3 ئايلىق قاماق جازاسىغا ھۆكۈم قىلدى.

خىتاي مەتبۇئاتلىرى بۇ جازانى خىتايدىكى باشقا كىشىلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرىگە بېرىلگەن ئاگاھلاندۇرۇش، دەپ باھا بەرگەن. چېن گۇاڭچېڭ ئۆتكەن جۈمە كۈنى ئادۋۇكاتى قاتناشمىغان ئەھۋال ئاستىدا سەندوڭنىڭ يىننەن ناھىيىلىك سوت مەھكىمىسى تەرىپىدىن سوتلاندى. ئۇ، 2005 - يىلى سەندوڭ دائىرىلىرىنىڭ مەجبۇرى تۇغۇت چەكلەش سىياسىتىنى تەنقىد قىلىپ خەلقئارا جەمئىيەتنىڭ دىققىتىنى قوزغىغان.

چېن گۇاڭچىڭ، بۇ قېتىم جامائەت مال - مۈلكىگە زىيان سېلىش، ئاممىۋى تەرتىپنى بۇزۇش جىنايىتى بىلەن ئەيىبلەندى. لېكىن ئۇنىڭ ئايالى رويتېرس ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا بۇ ئەيىبلەشنى توقۇپ چىقىرىلغان، دەپ تەنقىدلىگەن ۋە سوت مەھكىمىسىنىڭ ھۆكۈمىدىن چۆچۈگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.

چېن گۇاڭچىڭنىڭ ئادۋۇكاتى لى فانپىڭ، " ئەدلىيە سىستېمىسى چېن گۇاڭچىڭنىڭ دىلوسىغا قانۇنسىزلارچە ئىشلىتىلدى،" دەيدۇ. شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقى چېن گۇاڭچىڭنىڭ " لۈكچەكلەرنى تەشكىللەپ، ئاممىۋى قاتناشقا توسالغۇ بولغانلىقى"نى. لېكىن كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتى چارشەنبە كۈنى جۇڭگو دائىرىلىرىنى " چېن گۇاڭچىڭغا قىلىنغان مۇئامىلە جۇڭگودا كىشىلەرنىڭ قانۇن ئالدىدا باراۋەر ئىكەنلىكىگە ئىشىنىشىمىزنى قىيىنلاشتۇرماقتا،" دەپ تەنقىدلىگەن. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.