خىتاي دائىرىلىرى 18 نەپەر يۇقىرى دەرىجىلىك ھەربىي ئەمەلدارىنى جازالىدى

خىتاي ھەربىي دائىرىلىرىنىڭ يۇقىرى دەرىجىلىك گېنېراللىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان 11 نەپەر ھەربىي ئەمەلدارى بۇ يىل 6 - ئايدا يۈز بەرگەن ئايرۇپىلان ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ جازالاندى.

بۇ يىل 6- ئاينىڭ 3 - كۈنى خىتاي ھاۋا ئارمىيىسىنىڭ بىر ئايرۇپىلانى ئەنخۇيدا رادار ۋە ئېلېكتىرونىك رازۋىتكا سىنىقى ئېلىپ بېرىۋاتقاندا چۈشۈپ كېتىپ، كۆپچىلىكى مۇتەخەسسىسلەرنى ئاساس قىلغان ئايرۇپىلاندىكى40 كىشىنىڭ ھەممىسى ئۆلگەن. ۋەقەدىن كېيىن خىتاي مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومىتېتى مەخسۇس بىر تەكشۈرۈش گۇرۇپپىسى قۇرغان ئىدى.

شىنخۇا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، نەنجىڭ ھەربىي رايونىنىڭ ھاۋا ئارمىيە قىسىمىنىڭ قوماندانى جاڭ جيەنزىڭ ۋە نەنجىڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيە قىسىمىنىڭ سىياسىي كومىسارى ۋاڭ ۋېيلار خاتالاشتى، دەپ قارالغان ۋە نەنجىڭ ھەربىي رايونى ھاۋا ئارمىيە قىسىمىنىڭ مۇئاۋىن قوماندانى گو چۈنگۇاڭنىڭ قاتارىدا دەرىجىسى تۆۋەنلىتىلگەن. شۇنىڭ بىلەن بىرگە خىتاينىڭ 7 ھەربىي ئەمەلدارى 26 - ئىيۇل كۈنى جياڭشىدا يۈز بەرگەن ھەربىي بازىنى لاتقا بېسىۋېلىش ۋەقەسىدە مەسئۇلىيىتى بار، دەپ قارىلىپ جازالاندى. بۇ ۋەقەدە ھەربىيلەر ۋە ئۇلارنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرىدىن بولۇپ 48 ئادەم ئۆلگەن ئىدى. (ئەركىن)

2025 M Street NW
Washington, DC 20036
+1 (202) 530-4900
uygwebnews@rfa.org