خىتايدا جامائەت خەۋپسىزلىكى ئەڭ جىددىي مەسىلە دەپ قارالماقتا
2006.12.18
خىتاي پارتىيە مەكتىپى تەرىپىدىن ھۆكۈمەت ئەربابلىرى ئارىسىدا ئېلىپ بېرىلغان راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمەت ئەربابلىرى جامائەت خەۋپسىزلىكىنى خىتايدا مەۋجۇت ئەڭ جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ قارايدىكەن.
راي سىناشقا قارىغاندا، خىتايدىكى ھۆكۈمەت ئەربابلىرىنىڭ 6،36 پىرسەنتى جامائەت خەۋپسىزلىكىنى 2.23 پىرسەنتى بولسا خىتاي پۇقرالىرى ئارىسىدا كۈنسېرى كۆپىيىۋاتقان تاپاۋەت پەرقىنى ئەڭ جىددىي مەسىلە دەپ قارايدىكەن. بۇندىن بۇرۇن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشلاردا خىتاي پۇقرالىرى ئوتتۇرىسىدا كۈنسېرى چوڭىيۋاتقان كىرىم پەرقى خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ كۆرسىتىلگەن ئىدى.
بۇ قېتىمقى راي سىناش نەتىجىسىگە قارىغاندا، چىرىكلىك خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم ئۈچىنچى مەسىلە دەپ كۆرسىتىلگەن. چىرىكلىكتىن كېيىن، ئىشسىزلىق، رايونلار ئارىسىدىكى تەرەققىيات باراۋەرسىزلىكى، داۋالىنىش چىقىملىرىنىڭ ئېغىرلىقى، ئوقۇش پۇرسەتلىرىدىكى تەڭسىزلىك قاتارلىق مەسىلىلەر خىتايدىكى ئەڭ مۇھىم ئىجتىمائىي مەسىلىلەر قاتارىدا كۆرسىتىلگەن.
سىياسىي مۇلاھىزىچىلەرنىڭ ئېيتىشىچە، خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە رەھبەرلىرىنى تەربىيىلەيدىغان ئەڭ ئالىي مەكتەپ ھېسابلانغان، پارتىيە مەكتىپى تەرىپىدىن ئېلىپ بېرىلغان راي سىناشتا، جامائەت خەۋپسىزلىكىنىڭ خىتايدىكى ئەڭ جىددىي ئىجتىمائىي مەسىلە دەپ كۆرسىتىلگەنلىكى، خىتاينىڭ ھەر قايسى ئۆلكىلىرى، ۋىلايەت- شەھەرلىرى ۋە ناھىيە ۋە يېزىلىرىدا ھۆكۈمەت ۋە ھۆكۈمەت ئەربابلىرىغا قارشى ئېلىپ بېرىلىۋاتقان نارازىلىق نامايىشلىرىنىڭ، خىتاي رەھبەرلىرىنى قانچىلىك چۈچۈتۈۋاتقانلىقىنىڭ ئوچۇق ئىپادىسى ئىكەن. (قانات)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خىتاي كوممۇنىستىك پارتىيە مەركىزى كومىتېتى ھۆججەت تارقىتىپ جەمئىيەتنىڭ مۇقىملىقى ساقلاشنى تەكىتلىگەن
- خىتاينىڭ يېڭى بەلگىلىمىلىرى ج خ ئورگانلىرىنىڭ ھوقۇقىنى كۈچەيتتى
- سابىق خىتاي دىپلوماتى: خىتايدىكى سىياسىي ۋەزىيەت مۇقىم ئەمەس
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ ئومۇمىي يىغىنىدا جەمئىيەت مۇقىملىقى ئاساسلىق مۇزاكىرە قىلىنىدۇ
- خىتايدا ئىشسىزلار سانى 25 مىليونغا يەتكەن