ساقچىخانىلارغا جەرىمانە ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈش چەكلەندى


2006.03.03

خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇق تەشكىلاتلىرى تەرىپىدىن كىشىلىك ھوقۇق خاتىرىسى بويىچە ئىزچىل تەنقىدكە ئۇچراپ كېلىۋاتقان خىتاي دائىرىلىرى، يېقىندا بۇنىڭدىن كېيىن ساقچىخانىلارغا ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىشنى چەكلىدى. خىتايدا ھازىرغىچە ساقچىخانىلارغا ئادەم تۇتۇش، جەرىمانە ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىلمەكتە ئىدى.

يېقىندا خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى بۇ ئەھۋالنى چەكلەپ، ساقچىخانىلارغا ئادەم تۇتۇش، جەرىمانە قويۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىشنى توختىتىشنى تەلەپ قىلغان. كۆزەتكۈچىلەرنىڭ ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونى ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىش ئەھۋالى ئەڭ ئېغىر رايون ھېسابلىنىدىكەن. بولۇپمۇ 11 - سىنتەبىر ۋەقەسىدىن كېيىن خىتاي دائىرىلىرى ئاپتونوم رايون بويىچە 3 خىل كۈچلەرنى " بۆشۈكىدە يوقىتىش" چاقىرىقى چىقارغاندىن كېيىن، ساقچىخانىلار ئادەم تۇتۇش كۆرسەتكۈچىنى ئىجرا قىلىش بويىچە رىقابەتكە چۈشكەن.

ۋەزىيەتتىن خەۋەردار بەزى ئەرباپلار، قەشقەر ، خوتەن قاتارلىق ئۇيغۇرلار كۆپ سانلىقنى ئىگىلەيدىغان سەزگۈر رايونلاردا بەدەن چىنىقتۇرىدىغان بەزى ئۇيغۇرلار نى" مىللىي بۆلگۈنچى" ، " تېرورچى" دېگەن گۇمانلار بىلەن قولغا ئېلىش ۋەقەلىرى يۈز بەرگەن.

" تەڭرىتاغ تورى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي جامائەت خەۋپسىزلىك مىنىستىرلىقى " ئادەم تۇتۇش، جەرىمانە قويۇش ۋە ھەق ئېلىش كۆرسەتكۈچى چۈشۈرۈپ بېرىشكە ھەرگىز بولمايدىغانلىقىنى" ئەسكەرتىش بىلەن بىرگە، ياردەمچى خادىملارنىڭ قانۇن ئىجرا قىلىشىغا يول قويۇلمايدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن.

كۆزەتكۈچىلەر، ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىدىكى يېزا - كەنت دەرىجىلىك بىرلەشمە ئامانلىق ئەترەتلىرىنى خالىغانچە ئادەم تۇتۇش، سوراق قىلىش ۋە جەرىمانە قويۇش بىلەن ئەيىبلىمەكتە ئىدى. (ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.