جىياڭ زېمىن خىتاي ئارمىيىسىنى كومپارتىيە ۋە خو جىنتاۋنى قوللاشقا چاقىردى
2004.09.20
خىتاي مەركىزىي ھەربىي ئىشلار كومىتېتى رەئىسىلىكى ۋەزىپىسىدىن ئىستېپا بەرگەن جىياڭ زېمىن، دۈشەنبە كۈنى خىتاي قوراللىق قىسىملىرىنى كومپارتىيىنىڭ رەھبەرلىكىگە ۋە ئارمىيىنىڭ يىڭى باش قوماندانى خوجىنتاۋ غا بويسۇنۇشقا چاقىردى.
خىتاي دۆلەتلىك تېلېۋىزىيىسىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، جىياڭ زېمىن خىتاي مەركىزىي ھەربىي كومىتېتىنىڭ كېڭەيتىلگەن يىغىنىدا قىلغان سۆزىدە، كومپارتىيىنىڭ ئارمىيىنى يېتەكلىشى ھايات-ماماتلىق مەسىلىسى ئىكەنلىكىنى تەكىتلىگەن. ئۇ شۇنداقلا خىتاي ئارمىيىسىنىڭ تەيۋەننى قايتىدىن خىتايغا قوشىۋىلىش مەسىلىسىدە ھەربىي كۈچ ئىشلىتىش پرىنسىپىدىن ھېچقاچان ۋاز كەچمەسلىكى كېرەكلىكىنى بىلدۈردى.
رويتېرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىياڭ زېمىن سۆزىدە يەنە تارىخىي ۋەزىپەمنى ۋە تارىخىي مەسئۇلىيىتىمنى تولۇق ئورۇنداپ پېنسىيىگە چىققانلىقىم ئۈچۈن ئىنتايىن خۇشال مەن دېگەن. لېكىن ئۇ يەنە، گەرچە پېنسىيىگە چىققان بولسىمۇ، ئەمما ۋەقەلەرنى يېقىندىن كۆزىتىپ تۇرىدىغانلىقىنى، بولۇپمۇ ئارمىيە ئىچىدىكى مەسىلسىلەرگە ۋە ئارمىيىنىڭ تەرەققىياتىغا دىققەت قىلىپ تۇرىدىغانلىقىنى تەكىتلىگەن. (قانات)
- جاڭ زېمىن، مەركىزى ھەربىي ئىشلار كومېتىتىنىڭ رەئىسلىكىدىن ئايرىلدى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومومىي يىغىنى ئېچىلدى
- خىتاي چېن شۈيبىيەننىڭ "تەيۋەن" ئاتالغۇسىنى ئىشلىتىش تەلىپىنى ئەيىبلىدى
- خوڭكوڭ پارلامېنت سايلىمىنىڭ نەتىجىسى ئېلان قىلىندى
- خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ يىغىنى ھارپىسىدا، شاڭخەيدىكى بىر ئۆكتىچى تۇتۇلدى
- خىتاي رەھبەرلىرى ئارىسىدىكى ھوقۇق كۈرىشىنىڭ مۇقامى يۈكسەلدى
- خوڭكوڭدا پارلامېنت سايلىمى ئۆتكۈزۈلدى
- خىتاي ساقچىلىرى خىتاي كومپارتىيىسىنىڭ 4 - ئومۇمىي يىغىنىنىڭ ھارپىسىدا مىڭلىغان كىشىلەرنى تۇتتى
- بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خۇڭكوڭدىكى پارلامېنت سايلىمىغا ئارىلاشقانلىقى ئۈچۈن تەنقىدلەندى
- خۇ جىڭتاۋ دۇنيادىكى ئون چوڭ دىكتاتۇرنىڭ ئۈچىنچىسى ئىكەن