جياڭ زېمىن خىتاي مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن چۈشتى

خىتاينىڭ سابىق دۆلەت رەئىسى جياڭ زېمىن سەيشەنبە كۈنى خىتاينىڭ مەملىكەتلىك خەلق قۇرۇلتىيىدا مەركىزى ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بەردى.

ئانالىزچىلارنىڭ بىلدۈرۈشىچە، بۇ جياڭ زېمىننىڭ خىتاي سىياسىي سەھنىسىدىن رەسمىي چېكىنگەنلىكىدىن دېرەك بېرىدىكەن.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي خەلق قۇرۇلتىيى ئەزالىرى سەيشەنبە كۈنى جياڭ زېمىننىڭ ئىستىپاسىنى 2853 كە قارشى سەككىز ئاۋاز بىلەن قۇبۇل قىلغان.

جياڭ زېمىن 1989 - يىلىدىكى تيەنئەنمىن دېموكراتىك ھەرىكىتىنى قانلىق باستۇرغاندىن كېيىن، خىتاينىڭ رەئىسى بولۇپ، 15 يىل ھوقۇق تۇتقان ئىدى. كىشلىك ھوقۇق پائالىيەتچىلىرى ئۇنىڭ ھوقۇق تۇتقان مەزگىلىدە، پۇقرالارنىڭ كىشىلىك ھوقۇقىنى ئېغىر دەرىجىدە دەپسەندە قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خەۋەرگە قارىغاندا، جياڭ زېمىننىڭ دۆلەت ھەربىي كومىتېتىنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىدىن ئىستىپا بېرىشىنىڭ ئەمەلىي ئەھمىيىتى چوڭ ئەمەس بولۇپ، ئۇ ئۆتكەن يىلى سېنتەبىردىن كېيىن ئاساسەن ۋەزىپىسىدىن قېلىپ قالغان.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ كۆرسىتىشىچە، مەركىزى ھەربىي كومىتېتنىڭ رەئىسلىك ۋەزىپىسىنىمۇ خىتاينىڭ دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ ئۆز ئۈستىگە ئېلىشى مۇمكىن ئىكەن. (ئارزۇ)