بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ 2 - ئاينىڭ 6 - كۈنى توكيودىن خەۋەر قىلىشىچە، ياپونىيە دائىرىلىرى خىتايدىن ئىمپورت قىلىنغان بىر تۈركۈم توڭلىتىلغان جۇۋاۋىنى تەكشۈرۈش جەريانىدا، يېقىندا يەنە خېمىرىدىمۇ، قىيمىسىدىمۇ 'دى دى ۋى ' دەپ ئاتىلىدىغان ھاشارەت ئۆلتۈرۈش دورىسى بار جۇۋاۋىنى بايقىغان.
ب ب س نىڭ بايان قىلىشىچە، تەيۋەندە چىقىدىغان 'خىتاي ۋاقىت گېزىتى' يېقىندا، خىتايدىن تەيۋەنگە 'جۇڭخۇاچە مىزىلىك جۇۋاۋا' ماركىلىق يېمەكلىك ئەۋرىشكىسى ئىمپورت قىلىنغانلىقى، ئۇنى يېگەن كىشىلەردە نورمالسىز ئالامەتلەر يۈز بەرگەنلىكى ھەققىدە خەۋەر ئېلان قىلىنغاندىن كېيىن، تەيۋەن سەھىيە مەھكىمىسى بۇ ھەقتە رەسمىي تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشقا باشلىغان. شۇنداقلا خىتايدىن كىرگەن 'زەھەر جۇۋاۋا'نى بازارغا سېلىشقا بولمايدىغانلىقىنى جاكارلىغان. ھەتتا كىشىلەرگە ئۆزلىرى خىتايدىن تەيۋەنگە ئېلىپ كەلگەن يېمەكلىكلەرنىمۇ ئىستىمال قىلماسلىق ھەققىدە ئاگاھلاندۇرۇش چىقارغان.
