خوڭكوڭ دېموكراتچىلىرى جيا چىڭلىننىڭ زىيارىتى جەريانىدا نامايىش ئېلىپ باردى

خوڭكوڭدىكى دېموكراتىيىنى ياقلىغۇچى زاتلار چارشەنبە كۈنى خىتاينىڭ سىياسىي كېڭەش رەئىسى جيا چىڭلىننىڭ خوڭكوڭ زىيارىتىگە قارشى نارازىلىق نامايىشى ئۆتكۈزدى.

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ مەلۇم قىلىشىچە، نەچچە يۈز نامايىشچى جيا چىڭلىن زىياپەتكە بارغان مېھمانخانا ئالدىغا يىغىلىپ، "بىر پارتىيىلىك ئىستىبدات ھاكىمىيەت ئاخىرلاشسۇن"، " ھۆكۈمەت خەلق قولىغا قايتۇرۇلسۇن" دېگەنگە ئوخشاش لوزونكا ۋە شۇئارلار بىلەن نامايىش قىلدى.

نامايىشقا دېموكراتىيىنى ياقلايدىغان خوڭكوڭ قانۇن تۇرغۇزۇش كومىتېتى ئەزاسى لياڭ گوشيوڭمۇ قاتناشقان بولۇپ، ئۇ " چىرىكلىككە قارشى تۇرايلى، جيا چىڭلىننىڭ چىرىكلىكىگە قارشى تۇرايلى" دېگەن شۇئارلارنى توۋلىدى.

جيا چىڭلىن 1‏- ئىيول خوڭكوڭنىڭ خىتايغا قايتۇرۇلغانلىق خاتىرە كۈنى ھارپىسىدا خوڭكوڭغا قىلغان بۇ زىيارىتىدە بېيجىڭ ھۆكۈمىتى تىكلىگەن خوڭكوڭ ئالاھىدە رايون مەمۇرىي باشلىقى سېڭ يىڭچۈەن بىلەن كۆرۈشتى ھەمدە بېيجىڭ مەركىزىي ھۆكۈمىتىنىڭ سېڭنىڭ خىزمىتىنى يېقىندىن قوللايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

بۇ نامايىشقا دېموكراتچىلاردىن سىرت يەنە، 50 كە يېقىن فالۇنگوڭچىلارمۇ قاتنىشىپ، خىتاينىڭ فالۇنگوڭچىلارغا قاراتقان باستۇرۇشىنى ئەيىبلىدى. (پەرىدە)