گۇاڭشىدا ئوقۇغۇچىلار ئارىسىدا جىگەر كېسىلى تارقالدى

خىتاي خەۋەر تورىنىڭ خەۋەر ئېلان قىلىشىچە، يېقىندا گۇاڭشىنىڭ فېڭشەن كەنتىدىكى ئوتتۇرا مەكتەپتە ب تىپلىق جىگەر كېسىلى تارقالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 36 ئوقۇغۇچىنىڭ بۇ خىل كېسەلگە گىرىپتار بولغانلىقى ھەققىدە رەسمىي دىئاگنوز قويۇلغان. ئاز دېگەندە يەنە 27 ئوقۇغۇچىنىڭ جىگەر ياللۇغى بىلەن يوقۇملانغانلىقىدىن گۇمان قىلماقتا ئىكەن.

گۇاڭشى ئۆلكىلىك مۇناسىۋەتلىك دائىرلىرىلەرنىڭ مۇخبىرلارغا ئاشكارلىشىچە، ب تىپلىق جىگەر ياللۇغى مەزكۇر كەنتنىڭ ئىچىملىك سۈيىنىڭ بۇلغىنىشىدىن كېلىپ چىققان بولۇپ، كەنتتىكى كىشىلەردە كۆڭلى ئېلىشىش، ئىچى سۈرۈشكە ئوخشاش كېسەللىك ئالامەتلىرى -11 ئايدىن باشلاپلا كۆرۈلۈشكە باشلىغان. ئەمما دائىرىلەر جىگەر كېسىلىنىڭ ھازىرقىدەك كەڭ دائىرىدە تارقىلىش يۈز بەرگۈچە چھېچقانداق تەكشۈرۈش ئېلىپ بارمىغان.

بۇنىڭدىن بىر ئاي ئىلگىرى ئۈرۈمچىدە جەنۇبىي ئۇيغۇر ئېلىدىن كەلگەن 15 ئوقۇغۇچىنىڭ جىگەر ياللۇقى بىلەن يۇقۇملانغانلىقى بايقىلىپ مەكتەپتىن قوغلانغان ئىدى. (گۈلچېھرە)