بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ پەيشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، جىلىن ئۆلكىسىدىكى جىلىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ ۋېينىڭ ئۆلۈش سەۋەبى ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋېلىش ۋەقەسى، دەپ ئېلان قىلىندى.
جىلىن شەھىرىدىكى بىر نېفىت خىمىيە زاۋۇتىدا 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى يۈز بەرگەن پارتلاشنىڭ سۇڭخۇئاجياڭ دەرياسىدا ئېغىر بۇلغىنىش پەيدا قىلىش ۋەقەسىنى تەكشۈرۈش خىزمىتى ئەمەلدارلارنىڭ مەسئۇلىيىتىنى سۈرۈشتۈرۈش باسقۇچىغا كەلگەن ئىدى.
چەتئەل مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، جىلىن شەھىرىنىڭ مۇئاۋىن شەھەر باشلىقى ۋاڭ ۋېينىڭ جەسىتى سەيشەنبە كۈنى ئۆيىدىن تېپىلدى.
خوڭكوڭدا چىقىدىغان " داگوڭباۋ" گېزىتى، ۋاڭ ۋېينىڭ ئۆزىنى ئۆلتۈرۈۋالغانلىقىنى خەۋەر قىلغان. "داگوڭباۋ" ئىلگىرى سۈرۈشىچە، ۋاڭ ۋېي ئۆيىدە ئۆزىنى ئېسىپ ئۆلۈۋالغان. بىراق جىلىن شەھەرلىك ھۆكۈمەت ۋە جامائەت خەۋپسىزلىك ئىدارىسى ۋاڭ ۋېينىڭ ئۆلۈمى توغرىسىدا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىغا پىكىر بايان قىلىشنى رەت قىلدى.
بۇ يىل 43 ياشلاردىكى ۋاڭ ۋېي 11 - ئاينىڭ 13 - كۈنى جىلىندىكى نېفىت - خىمىيە زاۋۇتىدا پارتلاش ۋەقەسى يۈز بەرگەندىن كېيىن نەق مەيداندا قۇتقۇزۇش خىزمىتىگە رىياسەتچىلىك قىلغان. ئۇ، پارتلاش ۋەقەسىنىڭ مۇھىتقا تەسىر كۆرسەتمەيدىغانلىقىنى جاكارلىغان ئىدى. (ئەركىن)