خىتايدا جىنسى كېسەللىكلەر كىشىنى چۆچۈتكۈدەك سۈرئەتتە يامرىماقتا


2007.01.14

ئامېرىكىدىكى مەخسۇس جىنسى كېسەللىكلەر تەتقىقاتى ئېلىپ بارىدىغان بىر مۇتەخەسسىسنىڭ خىتاي دۆلەتلىك جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بىلەن ھەمكارلىشىپ خىتايدا ئېلىپ بارغان تەكشۈرۈش نەتىجىسىدىن مەلۇم بولۇشىچە، نۆۋەتتە خىتايدا تۈرلۈك جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىش سۈرئىتى ھەمدە يۇقۇملانغۇچىلار سانى كىشىنى چۆچۈتىدىكەن.

ئامېرىكا ئاۋازى رادىئوسىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، ئامېرىكىلىق جىنسىي كېسەللىكلەر مۇتەخەسسىسى دوكتۇر مايرون كوخن خىتاي جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش مەركىزى بىلەن 1989 – يىلىدىن 2005 - يىلىغا قەدەر خىتايدا مەخسۇس جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى ھەققىدە ئېلىپ بارغان تەتقىقات نەتىجىسىدە، خىتايدا جىنسىي كېسەللىكلەر 1999 - يىلى 1993 - يىلىغا قارىغاندا ئوتتۇز ھەسسە كۆپەيگەنلىكى مەلۇم بولغان شۇنداقلا، 1991 - يىلىدىن 2005 ‏- يىلىغىچە بولغان ئارىلىقتا بالىلارنىڭ ئانىلارنىڭ ھەمرىيى ئارقىلىق يۇقۇملىنىشى يىلىغا 70%تىن ئۆرلەپ بارغان.

تەتقىقات دوكلاتىدا كۆرسىتىلىشىچە خىتايدا قانچە تەرەققىي قىلغان شەھەرلەردە جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ تارقىلىشى شۇنچە ئېغىر بولۇپ، بېيجىڭ، شاڭخەي، گۇاڭجۇ، نەنخەي قاتارلىق جايلاردا ئۆتكۈر تىپتىكى جىنسىي كېسەللىكلەرنىڭ يامرىشى شىددەت بىلەن كېڭەيمەكتە ئىكەن. (گۈلچېھرە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.