خىتايدا جىنسىي نىسبەت پەرقى چوڭايماقتا


2006.07.12

نۆۋەتتە خىتايدىكى جىنسىي نىسبەت پەرقى بارغانسېرى چوڭىيىۋاتقان بولۇپ، بۇ خىتاينىڭ نوپۇس ئېكولوگىيىسىگە چوڭ تەسىر كۆرسەتمەكتە. شۇنداقلا بۇ پەرق مۇشۇ سۈرئەت بىلەن داۋاملىشىۋەرسە، 2020‏- يىلىغا كەلگەندە خىتايدا تەخمىنەن 24 مىليون ئەر بويتاق قالىدىكەن.

شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە كۆرسىتىلىشىچە، بۇ ئەھۋال خىتاي ئەمەلدارلىرىنى ھۆكۈمەتنى بۇ مەسىلىگە نىسپەتەن جىددىي مۇئامىلە قىلىشقا چاقىرىشقا ئۈندىگەن. ستاتىستىكىغا قارىغاندا، خىتايدا ھازىر قىزلار بىلەن ئوغۇللارنىڭ نىسبىتى 119:100 بولۇپ، بۇ بىرلەشكەن دۆلەتلەر تەشكىلاتىنىڭ ئاساسىي ئۆلچىمىدىكى 103:100 نىسبەتتىن كۆپ يۇقىرى بولغان.

بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىنىڭ نوپۇس مۇتەخەسسىسى مۇ گۇاڭزۇڭ، خىتايدا تۇغۇلغان بوۋاقلاردىكى جىنسىي نىسبەت پەرقىنىڭ 80‏- يىللاردىن باشلاپ چوڭىيىشقا باشلاپ، ھازىر نوپۇس ئېكولوگىيىسىدە قىزىل رەقەم كۆرۈلۈشتەك خەتەرلىك ئەھۋالغا كېلىپ قالغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

خىتاينىڭ نوپۇس سىياسىتىگە مەسئۇل دۆلەت كابېنتى ئەزاسى خۇا جيەنمىڭ خىتاي ئەمەلدارلىرىغا بۇ ھەقتە جىددىي چاقىرىق ئوتتۇرىغا قويۇپ، " خەلققە، دۆلەتكە ۋە تارىخقا كۈچلۈك مەسئۇلىيەتچان بولۇش روھى بىلەن جىنسىي نىسبەت پەرقى مەسىلىسىنى بىر چوڭ مەسىلە دەپ قاراپ، ئۇنى مۇھىم ئىشلار كۈن تەرتىپىگە قويايلى" دېگەن.

خىتايدا جىنسىي نىسبەت پەرقىنىڭ چوڭ بولۇپ كېتىشى، ئاساسلىقى خىتايلارنىڭ ئوغۇل بوۋاقلارنى ئەتىۋا كۆرۈشى سەۋەبىدىن كېلىپ چىققان. شۇ سەۋەبتىن خىتايدا ھازىر دوختۇرخانىلارنىڭ ھامىلدار ئاياللارغا ھامىلىسىنىڭ قىز-ئوغۇللىغىنى ئېيتىپ بېرىشى چەكلەندى. (پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.