لياۋنىڭدىكى كان پارتلاش ۋەقەسىدە 25 ئادەم ئۆلدى

خىتاينىڭ لياۋنىڭ ئۆلكىسى فۇشىن شەھىرىدىكى بىر كاندا دۈشەنبە كۈنى گاز پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 25 ئادەم ئۆلدى ۋە 194 ئادەم كان ئاستىدا قامىلىپ قالدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە دۈشەنبە كۈنى سائەت ئۈچلەر ئەتراپىدا، 240 مېتىر چوڭقۇرلۇقتىكى كان ئاستىدا يۈز بەرگەن. پارتلاشتا يەنە 19 ئادەم يارىلانغان. خىتاي دائىرىلىرى كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلارنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.

خىتايدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكى ئىنتايىن ناچار بولۇپ، ئادەم ئۆلۈش ۋە يارىلىنىش ئەھۋاللىرى دائىم كۆرۈلۈپ تۇرىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى گەرچە كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلايدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن بولسىمۇ، بىراق خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىگە سەل قارىلىپ كەلمەكتە.

خىتاي ھۆكۈمىتى ئۆتكەن يىلى كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر سانىنىڭ 6000 دىن كۆپ ئىكەنلىكىنى بىلدۈرگەن. ئەمما فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، كۈزەتكۈچىلەر خىتايدا كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 20 مىڭغا يېقىنلىشىدىغانلىقىنى مۆلچەرلىمەكتە. (ئارزۇ)