خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسى چىلوڭ ناھىيىسىدىكى بىر كۆمۈركاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 15 كۆمۈركان ئىشچىسى ئۆلدى ۋە ئۈچ ئىشچى يارىلاندى.
شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يەكشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن ۋەقەدە يەتتە ئىشچى پارتلاش جەريانىدا 8 ئىشچى ئۆلگەن بولۇپ، كان ئاستىدا قالغان 7 ئىشچىنى قۇتقۇزۇش پائالىيەتلىرى نەتىجە بەرمىگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، پارتلاشنىڭ سەۋەبى ئۈستىدە تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىلماقتا.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كۆمۈركانلار دۇنيانىڭ ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈركانلىرى بولۇپ، ئۆتكەن يىلى خىتايدىكى كۆمۈركانلاردا يۈز بەرگەن پارتلاش، ئۆت كېتىش ۋە سۇ بېسىش ۋەقەلىرىدە 6000 دىن كۆپ ئىشچى ئۆلگەن.
خىتاي ھۆكۈمىتى، بىخەتەرلىك ئەھۋالى ياخشى بولمىغان يۈزلىگەن كۆمۈركانلارنى تاقىغانلىقىنى ۋە ئىشچىلارنى ناچار بىخەتەرلىك شارائىتىدا ئىشلەتكەن كۆمۈركان ئىگىلىرىنى جازالايدىغانلىقىنى بىلدۈرمەكتە. (قانات)