خىلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كان پارتلاشتا 134 ئادەم ئۆلدى


2005.11.28

يەكشەنبە كۈنى، خىتاينىڭ خىلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدىكى دۇڭفېڭ كۆمۈركانىدا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە 134 كان ئىشچىسى ئۆلدى ۋە 79 ئىشچى ئىز- دېرەكسىز يوقاپ كەتتى.

ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، پارتلاش يۈز بەرگەن مەزگىلدە كۆمۈركاندا 221 ئىشچى ئىشلەۋاتقان بولۇپ، ھازىرغىچە 74 ئىشچى كان ئاستىدىن ساق-سالامەت چىقىرىلغان.

خىتايدىكى كۆمۈركانلار، بىخەتەرلىك جەھەتتىن دۇنيادىكى ئەڭ ناچار كۆمۈركانلار ھېسابلنىىدۇ. خىتايدىكى كۆمۈركانلاردا ھەر كۈنى دېگۈدەك، ئوت كېتىش، پارتلاش ۋە سۇ بېسىش قاتارلىق ۋەقەلەر يۈز بېرىپ تۇرىدۇ ھەمدە بۇ ۋەقەلەر تۈپەيلىدىن خىتايدا ھەر يىلى مىڭلىغان ئىشچى ئۆلىدۇ.

گەرچە خىتايدا بىخەتەرلىك ۋەزىيىتى ناچار بولغان كۆمۈركانلارنى تاقاش توغرىسىدا پائالىيەتلەر ئېلىپ بېرىلىۋاتقان بولسىمۇ، لېكىن خىتاينىڭ ئىنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجى بۇ پائالىيەتلەرنىڭ تېز نەتىجە بېرىشىگە توسقۇنلۇق قىلماقتا.

بۇ ئارىدا شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ دۈشەنبە كۈنى خەۋەر قىلىشىچە، ئۆتكەن ھەپتە خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈركاندا يۈز بەرگەن پارتلاش ۋەقەسىدە ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن 18 كۆمۈركان ئىشچىسىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېنىقلانغان. (قانات)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.