خېنەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنىڭ مەسئۇللىرى قولغا ئېلىندى


2005.12.05

خېنەننىڭ ئەنشىڭ ناھىيىسىدىكى بىر شەخسىي كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدىن كېيىن قېچىپ كەتكەن كان ئىگىسى ۋە ئىككى ئالاقىدار خادىم تۇتۇلدى.

ئۆتكەن جۈمە كۈنى يۈز بەرگەن سىگۇۋ كۆمۈر كانىدىكى سۇ ئېلىپ كېتىش ۋەقەسىدە، 42 ئىشچى كان ئاستىدا قامىلىپ قالغان. ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ۋەقە يۈز بەرگەندە 76 ئىشچى كان ئاستىدا مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، ئۇلارنىڭ ئىچىدە 34 ئى قېچىپ چىقالىغان. ھازىر كان ئاستىدا قامىلىپ قالغانلارنىڭ ھايات- ماماتلىقى تېخى مەلۇم ئەمەس.

ۋەقە يۈز بېرىش سەۋەبىمۇ تېخى ئېنىقلانمىغان. ۋەقە يۈز بەرگەندىن كېيىن، كاننىڭ خوجايىنى جىن ۋە ئىككى باشقۇرغۇچىسى قېچىپ كەتكەن. ئۇلار دۈشەنبە كۈنى ساقچىلار تەرىپىدىن تۇتۇلغان. بۇنىڭدىن سىرت، خېيلوڭجياڭنىڭ دۇڭفىڭ كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن ۋەقەدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 170 گە يەتكەن. خىتايدىكى كۆمۈر كانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈر كانلار ھېسابلىنىدۇ. ھۆكۈمەت كۆمۈر كانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش ھەققىدە قايتا- قايتا ۋەدە قىلغان بولسىمۇ، ئەمما كۆمۈر كان ۋەقەلىرى كۈندە دېگۈدەك يۈز بېرىپ تۇرماقتا. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.