خېبىيدىكى كۆمۈركان پارتلىشىدا ئاز دېگەندە 54 ئادەم ئۆلدى
2005.12.07
خىتاينىڭ خېبىي ئۆلكىسىدىكى بىر كۆمۈركاندا چارشەنبە كۈنى پارتلاش يۈز بېرىپ، ئاز دېگەندە 54نەپەر ئىشچى ئۆلدى. يەنە 22 ئىشچى ئىز -دېرەكسىز يوقالدى. بۇ خىتايدا ئىككى ھەپتە ئىچىدە يۈز بەرگەن ئۈچىنچى چوڭ كۆمۈركان ۋەقەسى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، تاڭشەن شەھىرىدىكى بۇ كۆمۈركاندا پارتلاش يۈز بەرگەندە، كان ئاستىدا 123 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان. خىتاي دائىرىلىرى دەسلەپتە ئىشچىلارنىڭ27 سىنىڭ قېچىپ قۇتۇلغانلىقى، 96 سىنىڭ يوقالغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما ئەڭ يېڭى مەلۇماتلىرىدا، پارتلاشتا 54 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى، 22 ئادەمنىڭ ئىز- دېرىكى تېپىلمىغانلىقىنى كۆرسەتتى.
يېقىنقى ئىككى ھەپتە ئىچىدىلا خىتايدىكى كۆمۈركان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 200 دىن ئاشتى. خىتايدىكى كۆمۈركانلار دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈركانلار ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، ھەر يىلى 6000 دىن ئارتۇق كىشى ھەر خىل كۆمۈركان ۋەقەلىرىدە ئۆلىدۇ. خىتاي ھۆكۈمىتى كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى ياخشىلاش ھەققىدە ھەر خىل تەدبىرلەرنى قوللىنىۋاتقان بولسىمۇ، ئەمما ئۇنىڭ ئۈنۈمى كۆرۈنەرلىك بولمىدى. (ئارزۇ)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خېنەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنىڭ مەسئۇللىرى قولغا ئېلىندى
- خىلۇڭجياڭ ئۆلكىسىدە يۈز بەرگەن كان پارتلاشتا 134 ئادەم ئۆلدى
- خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسىدىكى كۆمۈركاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 15 ئىشچى ئۆلدى
- خىتايدا ھۆكۈمەت ئەمەلدارلىرىنىڭ كۆمۈر كانلارغا پايچېك بولۇشى چەكلەندى
- خىتايدا، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى