خىتاينىڭ تاڭشەن رايونىدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر 87 گە يەتتى
2005.12.09
خىتاينىڭ تاڭشەن رايونىدىكى ليۇ گۇئەنتۇن كۆمۈر كېنىدا يۈز بەرگەن گاز پارتلاش ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەر جۈمە كۈنگىچە 87 گە يەتتى.
خىتاينىڭ ھۆكۈمەت زۇۋانى شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، قۇتقۇزۇش خادىملىرى 87 ئىشچىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئىسپاتلىغان، دائىرىلەر قالغان 21 نەپەر ئىشچىنىڭ داۋاملىق ئىز دېرىكىنى قىلماقتا. پارتلاش ۋەقەسى چارشەنبە كۈنى يۈز بەرگەن، خىتاي مەتبۇئاتلىرى پەيشەنبە كۈنگىچە 74 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكىنى جاكارلىغان ئىدى. دائىرىلەر، ھازىرغىچە ئىز دېرىكىنى ئالالمىغان كان ئاستىدىكى قالغان 21 نەپەر ئىشچىنىڭ تىرىك قۇتۇلۇش مۇمكىنچىلىكى بارغانچە ئازايماقتا، دەپ قارىغان.
خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى پەيشەنبە كۈنى ئېلان قىلغان باياناتىدا كانچىلارنى ئىشلەپچىقىرىشنى قوغلىشىپ بىخەتەرلىك بەلگىلىمىلىرىگە سەل قارىغان، دەپ ئەيىبلىدى. بۇ ۋەقە ئىككى ھەپتىگە بارمىغان ۋاقىت ئىچىدە خىتاي كۆمۈر كانلىرىدا يۈز بەرگەن 3 - چوڭ ۋەقە بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ سىياسىتىنى تەنقىد قىلغۇچىلار، بېيجىڭ دائىرىلىرى كۆمۈركان ئىشچىلىرىنىڭ مۇستەقىل ئىشچىلار ئۇيۇشمىلىرى قۇرۇپ، ئۆز مەنپەئەتىنى قوغدىشىغا يول قويغاندىلا، ئاندىن بۇ پاجىئەلەرنىڭ ئالدىنى ئېلىش ياكى تۆۋەن سەۋىيىگە چۈشۈرۈش مۇمكىن، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خېبىيدىكى كۆمۈركان پارتلىشىدا ئاز دېگەندە 54 ئادەم ئۆلدى
- خېنەن كۆمۈر كان ۋەقەسىنىڭ مەسئۇللىرى قولغا ئېلىندى
- خىتاينىڭ گۈيجۇ ئۆلكىسىدىكى كۆمۈركاندا يۈز بەرگەن پارتلاشتا 15 ئىشچى ئۆلدى
- خىتايدا، كۆمۈر كان ئىشچىلىرى بىلەن ساقچىلار ئارىسىدا توقۇنۇش يۈز بەردى
- خىتايدىكى كۆمۈر كان ھادىسىلىرىدە ئالتە ھەپتە ئىچىدە 700 ئىچى ئۆلدى