خىتاي كان پارتلاشقا چېتىشلىق 7 كىشىنى قولغا ئالدى

خېبېيدىكى كۆمۈركان پارتلاش ۋەقەسى يۈز بېرىپ 4 كۈندىن كېيىن، جامائەت خەۋپسىزلىك ئورگانلىرى يەكشەنبە كۈنى بۇنىڭغا چېتىشلىقى بار بولغان 7 كىشىنى قولغا ئالدى.

ئۆتكەن چارشەنبە كۈنى خېبېينىڭ تاڭشەن شەھىرىدە يۈز بەرگەن كان پارتلاش ۋەقەسىدە 91 كىشى قازا قىلىپ، 17 ىسىنىڭ ئىز دېرىكى تېپىلمىغان ئىدى. شۇ سەۋەبتىن قولغان ئېلىنغان بۇ 7 كىشى ئاساسلىقى مەزكۇر كۆمۈر كاننىڭ مەسئۇللىرى ۋە كان بىخەتەرەلىكىنى تەكشۈرۈش خادىملىرى بولغان.

خىتاينىڭ ئېنېرگىيىگە بولغان ئېھتىياجىنىڭ ئېشىشى بىلەن، خىتايدا كۆز ئالدىدىكى پايدىنى قوغلىشىپ، ئۆز ئالدىغا شەخسىي كۆمۈركانلارنى ئېچىۋېلىش ئەھۋالى كۆپ كۆرىلىدىغان بولۇپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ھەتتا بۇ يىل 8 ‏-ئايدىن باشلاپ تەخمىنەن 2000 غا يېقىن لاياقەتسىز كانلارنى تاقىۋەتتى.

ھازىر خىتايدا كان قېزىش دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك خىزمەت ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل باشلىنىپ ھازىرغىچە خىتايدىكى كان ھادىسىلىرىدە ئۆلگەن ئىشچىلارنىڭ سانى 3000 دىن ئاشتى. (پەرىدە)