خىتاي كۆمۈر كانلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيمەكچى

خىتاينىڭ دۆلەتلىك تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى چارشەنبە كۈنى بىر پارچە ھۆججەت چۈشۈرۈپ، كۆمۆر ئىشلەپچىقىرىش ئىشلىرىغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيتىش تەلەپ قىلىنغان يېڭى بەلگىلىمىلەرنى چىقاردى.

تەرەققىيات ئىسلاھات كومىتېتى چۈشۈرگەن ھۆججەتتە، كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بىلەن شوغۇللۇنىدىغان ئۆلكە ۋە كارخانىلارنىڭ كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش پىلانىنى ياخشىلىشى كېرەكلىكى ھەمدە دۆلەتنىڭ مۇناسىۋەتلىك ئۆلچەم بەلگىلىمىلىرىگە يېتىشى لازىملىقى كۆرسىتىلگەن.

ھۆججەتتە يەنە، ھەر قايسى كۆمۈر كانلارنىڭ مەزكۇر كومىتېتىنىڭ تەستىقىدىن ئۆتۈشى كېرەكلىكى كۆرسىتىلگەن. لېكىن خىتايدا نۇرغۇن كان ھادىسىلىرى يەنىلا شەخسلەر ئۆز ئالدىغا ئېچىۋالغان قانۇنسىز كانلاردا يۈز بەرمەكتە.

خىتايدا كان قېزىش خىزمىتى ھازىر دۇنيادىكى ئەڭ خەتەرلىك كەسپ ھېسابلىنىدىغان بولۇپ، بۇ يىل خىتايدىكى كان ھادىسىلىرىدە ئۆلگەنلەرنىڭ سانىلا 3 مىڭدىن ئېشىپ كەتتى. گەرچە خىتايدا كان ھادىسىلىرى ھەر يىلى دېگۈدەك كۆپ يۈز بېرىپ، خەلقئارا جەمئىيەتمۇ بۇ ھەقتە خىتاينى ئەيىبلىگەن بولسىمۇ، لېكىن ھازىرغىچە ھېچقانداق ياخشىلىنىش كۆرۈلمىدى.(پەرىدە)