خىتاي مەتبۇئاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بېيجىڭ ھۆكۈمىتى خىتايدىكى كۆمۈركانلاردا يۈز بېرىۋاتقان قانلىق ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن بىخەتەرلىك تەدبىرلىرى جەھەتتىن ئۆلچەگمە توغرا كەلمىگەن 2400 دىن ئارتۇق كۆمۈركاننى تاقىغان.
فرانىسيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەت كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى، بەلگۈلەنگەن ۋاقىت ئىچىدە بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى ياخشىلىمىغان پۈتۈن كۆمۈركانلارنىڭ تاقىۋىتىلگەنلىكىنى بىلدۈرگەن.
خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، كۆمۈركانلارنىڭ بىخەتەرلىكىنى نازارەت قىلىش ئىدارىسى كۆمۈركان ئىگىلىرىدىن بىرەر ۋەقە يۈز بەرگىنىدە ئىشچىلارنىڭ تۇرمۇشىغا كاپالەتلىك قىلىش ئۈچۈن ئالدىن پۇل تاپشۇرۇشىنى تەلەپ قىلىدىكەن. بۇ پۇل كۆمۈركانلاردا يۈز بېرىدىغان ۋەقەلەردە زىيانغا ئۇچرىغان ئاىلىلەرگە بېرىلىدىكەن.
كۆپچىلىككە مەلۇم بولغاندەك، خىتايدىكى شەخسىلەرنىڭ ئىگىدارچىلىقىدىكى كۆمۈر كانلاردا ۋەقە يۈز بەرگەندە كۆمۈر كان ئىگىلىرىنىڭ قېچىپ كېتىپ، ۋەقەدە قۇربان بولغان كان ئىشچىلىرىنىڭ ئائىلىلىرىنىڭ ئىگىسىز تالادا قالغانلىقى خىتايدا ناھايىتى كۆپ ئۇچرايدىغان بىر ئەھۋال. (قانات)