خېنەندىكى كان ۋەقەسىدە 15 كىشى قازا قىلدى

شەنبە كۈنى خېنەننىڭ جېڭجۇ شەھىرىدىكى بىر كۆمۈر كاندا يۈز بەرگەن كان پارتلاش ۋەقەسىدە 15 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلغان.

ۋەقە يۈز بەرگەندە كان ئاستىدا 56 نەپەر ئىشچى مەشغۇلات ئېلىپ بېرىۋاتقان بولۇپ، 41 ئى كان ئاستىدىن قۇتۇلۇپ چىقىۋالغان بولسىمۇ، لېكىن قالغان 15 ئى نەق مەيداندا ئۆلگەن. شۇنداقلا قازا قىلغانلارنىڭ ھەممىسىنىڭ جەسىتى تېپىلغان.

خىتاي دۇنيا بويىچە كان ھادىسىدە ئەڭ كۆپ كىشى ئۆلىدىغان دۆلەت بولۇپ، نۆۋەتتە خىتايدا يىلىغا كان ۋەقەسىدە قازا قىلىپ كېتىدىغان كىشىنىڭ سانى 5000 دىن ئېشىپ كەتكەن. خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ 2006‏- يىلى ئېلان قىلغان بىر مەلۇماتىدا كۆرسىتىلىشىچە، خىتاي بويىچە يېقىندا يەنە، 5290 كۆمۈر كان، بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىش بەلگىلىمىلىرىگە خىلاپلىق قىلغانلىقى سەۋەبىدىن ئىشلەپچىقىرىشتىن مەجبۇرىي توختىتىلغان. (پەرىدە)