خىتاي كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بارلىق كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى تاقىماقچى
2006.04.05
خىتاينىڭ دۆلەتلىك كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى تەكشۈرۈش ئىدارىسى چارشەنبە كۈنى خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كېلەر يىلىنىڭ ئاخىرىغىچە بولغان مەزگىلدە بارلىق كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى تاقايدىغانلىقىنى بىلدۈردى.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، مەزكۇر ئىدارە باشلىقى جاۋ تيېچۈي " كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلارنى تەرتىپكە سېلىش ناھايىتى مۇھىم ئەھمىيەتكە ئىگە. چۈنكى بۇ يەرلەردە ئاسان ھادىسە يۈز بېرىدۇ. شۇڭا بىز يىللىق كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش مىقدارى 30 مىڭ توننىدىن ئاز بولغان كۆمۈر كانلارنىڭ ھەممىسىنى تاقىماقچى" دېدى.
ئۇنىڭ ئېيتىشىچە، 2005- يىلى خىتايدىكى بارلىق كۆمۈر كاننىڭ سانى 25 مىڭ بولغان. بۇنىڭ ئارىسىدا 5000 كۆمۈر كان ئۆلچەمگە توشمىغانلىقى سەۋەبىدىن ئېتىۋېتىلگەن. لېكىن خىتايدىكى كۆمۈر كانلارنىڭ ئارىسىدا كىچىك تىپتىكى كۆمۈر كانلاردىن 18 مىڭى بار ئىكەن.
پۈتۈن دۇنيادىكى كۆمۈر سانائىتىدە خىتاي كۆمۈرلۈكى ئەڭ خەتەرلىك ھېسابلىنىدۇ. ئۆتكەن بىر يىلنىڭ ئىچىدىلا خىتايدا 3000 قېتىمدىن ئوشۇق كۆمۈر كان ھادىسىسى يۈز بېرىپ، 6000 دىن ئوشۇق ئىشچى ئۆلگەن. خىتاي ھۆكۈمىتى شۇ سەۋەبتىن خەلقئارانىڭ ئېغىر بېسىمىغا ئۇچرىماقتا. (پەرىدە)
مۇناسىۋەتلىك ماقالىلار
- خېنەندىكى كان ۋەقەسىدە 15 كىشى قازا قىلدى
- خىتايدا 2005 - يىلى نېفىت ۋە كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر شىددەت بىلەن كۆپەيدى
- خىتاي كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنىڭ ئالدىنى ئېلىش ئۈچۈن يەنە تەدبىرلەرنى ئېلان قىلدى
- خىتاي كۆمۈر كانلارغا بولغان كونتروللۇقنى كۈچەيمەكچى
- خىتاي بويىچە بۇ يىل كۆمۈركان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانى ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا كۆپەيدى