خىتاي ئۆلكىلىرىدە، بىر نەچچە كۈن ئىچىدىلا 85 نەپەر كان ئىشچىسى قازا قىلدى

يېقىنقى بىر نەچچە كۈندىن بۇيان، خىتاينىڭ سەنشى، خېيلۇڭجاڭ، يۈننەن ۋە گۈيجۇ ئۆلكىلىرىدە 4 چوڭ كان ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، بۈگۈنگە قەدەر جەمئىي 85 نەپەر كان ئىشچىسى ئۆلدى. شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن مەلۇماتىدا ئېيتىلىشىچە، ۋە قە يۈز بەرگەن بۇ كانلارنىڭ ھەممىسى قانۇنسىز باشقۇرۇلىۋاتقان كۆمۈر كانلىرى بولۇپ، ئۇلاردا ھېچقانداق ئىشلەپچىقىرىش كىنىشكىسى ياكى بىخەتەرلىككە كاپالەتلىك قىلىش كىنىشكىسى بولمىغان ئىكەن. ھەتتە بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى بەزىلىرى يەرلىك ھۆكۈمەت تەرىپىدىن تاقىۋېتىش بۇيرۇقى چۈشۈرۈلگەن كانلار بولۇپ ھېسابلىنىدىكەن.

خىتايدا يۈز بېرىۋاتقان كان ۋەقەلىرى دۇنيا بويىچە ئەڭ كۆپ بولۇپ ھېسابلانماقتا. مەملىكەت ئىچى ۋە سىرتىدىكى مۇتەخەسسىس ۋە ئانالىزچىلار "خىتايدىكى كان ۋەقەسىنىڭ بۇنداق كۆپ يۈز بېرىشى خىتايدا تا ھازىرغىچە سىستېمىلىق بولغان بىر كۆمۈر كان نازارەت قىلىش تۈزۈمىنىڭ يوق بولغانلىقىدىن" دەپ كۆرسەتمەكتە. (مېھرىبان)