16 - يانۋار كۈنى "خىتاي سودا گېزىتى" دە بېرىلگەن خەۋەردە، مەزكۇر گېزىتنىڭ ئىككى نەپەر مۇخبىرى سەنشىدىكى داتۇڭ خۈييۈەن ناھىيىسىدىكى بىر قانۇنسىز ئېچىلغان لاياقەتسىز كۆمۈر كاننى زىيارەت قىلغىنىدا، كىملىكى ئېنىق بولمىغان بىر توپ كىشىلەرنىڭ زەربىسىگە ئۇچرىغان. مۇخبىر لەن چىڭچاڭنىڭ بېشى ئېغىر يارىلىنىپ، ھاياتىدىن ئايرىلغان. يەنە بىر مۇخبىر بولسا قاتتىق يارىلانغان.
"خىتاي سودا گېزىتى" رەھبەرلىرىنىڭ نىڭ مەلۇم قىلىشىچە، ئۆلگۈچى لەن چىڭچاڭ مەزكۇر گېزىتنىڭ ۋاقىتلىك مۇخبىرى بولۇپ، خىزمەتكە چۈشكىلى تېخى ئەمدىلا بىر ئاي بولغان ئىكەن. لېكىن يەرلىك ھۆكۈمەت لەن چىڭچاڭنىڭ مۇخبىر ئىكەنلىكىنى ئېتىراپ قىلمىغان.
مۇخبىرلارنىڭ زىيارىتىنى قوبۇل قىلغان "خىتاي سودا گېزىتى" دە ئىشلەيدىغان خىزمەتچىلەر "گەرچە لەن چىڭچاڭ ۋاقىتلىق مۇخبىر بولۇپ ئىشلەۋاتقان بولسىمۇ، ئىدارىمىز چوقۇم ئۆز مۇخبىرىنىڭ ئىنسان ھوقۇقى ئۈچۈن داۋا قىلىدۇ" دەپ بىلدۈرمەكتە. (مېھرىبان)