خىتاي دائىرىلىرى، كۆمۈر كان بىخەتەرلىكىنى ئاشۇرۇپ، ئۆلۈمنىڭ ئالدىنى ئېلىش تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىش ھەققىدە جىددى چاقىرىق ئېلىپ بېرىۋاتقان بىر پەيتتە، خېنەندىكى شىئەن كۆمۈر كان مەسئۇللىرىنىڭ ساختىلىق قىلمىشى ئاشكارلاندى.
خىتاي دۆلەت بىخەتەر ئىشلەپچىقىرىشنى كۆزىتىش ئىدارىسى، 11 - فېۋرال كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، 2 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە ئەمىلىيەتتە 24 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكىنى ئېلان قىلدى.
خېنەن شىئەن كۆمۈر كانىنىڭ مەسئۇللىرى، 2 - فېۋرال كۈنى يۈز بەرگەن ھادىسىدە ئاران 7 ئادەمنىڭ ئۆلگەنلىكى خەۋەر قىلغان بولۇپ، ئەسلىدە ھادىسىدە 24ئادەم ئۆلگەن ئىكەن، بىراق كۆمۈر كان مەسئۇللىرى 17 ئادەمنىڭ ئۆلىمىنى قەستەن يوشۇرۇپ، "پەقەت 7ئادەم ئۆلدى" دەپ خەۋەر بەرگەن.
بىراق شىنخۇا ئاگېنتلىقىنىڭ مۇخبىرى زىيارەت قىلىش داۋامىدا، كان مەسئۇللىرىنىڭ يالغانچىلىق قىلىۋاتقانلىقىنى سېزىپ، ۋەقەنى مۇناسىۋەتلىك ئورۇنلارغا مەلۇم قىلغان.
ساقچى دائىرىلىرىنىڭ تەكشۈرۈشى نەتىجىسىدە ساختىلىق قىلغان كان ئىگىسى ۋە كۆمۈر ئىشلەپچىقىرىش بۆلىمىنىڭ باشلىقى شۇنىڭدەك باشقا بىر قانچە بۆلۈمنىڭ مەسئۇللىرىدىن 5 كىشى قولغا ئېلىنغان.
كۈزەتكۈچىلەرنىڭ بىلدۈرىشىچە، خىتايدا كۆمۈر كان بىخەتەرلىك ئەسلىھەلىرىنىڭ ناچارلىقى تۆپەيلى، كان ئىشچىلىرىنىڭ بىھۇدە ئۆلۈملىرى مەيدانغا كەلگەندىن سىرت، كان مەسئۇللىرىنىڭ ساختىلىق قىلىشى نەتىجىسدە كان ئىشچىلىرىنىڭ جەسەتلىرى يوقاپ كېتىشتەك ئەھۋاللار ئىنتايىن كۆپ يۈز بېرىدىكەن. (ئەقىدە)