خىتاي بويىچە بۇ يىل كۆمۈركان ۋەقەلىرىدە ئۆلگەنلەر سانى ئۆتكەن يىلغا قارىغاندا كۆپەيدى


2005.12.13

خىتاي مەتبۇئاتلىرىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، گەرچە خىتاي دائىرىلىرى كۆمۈر كانلاردا بىخەتەرلىك تەدبىرلىرىنى كۈچەيتىشكە كۆپ ۋەدەقىلغان بولسىمۇ، ئەمما بۇ يىل 11 - دېكابىرغىچە ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلى بىلەن سېلىشتۇرغاندا كۆمۈر كان ۋەقەلىرىدە 206 ئادەم كۆپ ئۆلگەن.

" جوڭگو گېزىتى" نىڭ خەۋەر قىلىشىچە، بۇ يىل خىتاي بويىچە كۆمۈر كانلاردا 2939 ۋەقە يۈز بەرگەن، بۇ ۋەقەلەردە 5491 ئادەم ئۆلگەن بولۇپ، بۇنى ئۆتكەن يىلنىڭ ئوخشاش مەزگىلىگە سېلىشتۇرغاندا بۇ يىل 206 ئادەم كۆپ ئۆلگەنلىكى مەلۇم بولغان.

بۇ سان ئۇيغۇر ئاپتونوم رايونىنىڭ باي ناھىيىسىدىكى ياتار كۆمۈر كېنى، فۇكاڭ قاتارلىق جايلاردا يۈز بەرگەن كۆمۈر كان ۋەقەلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ. فۇكاڭدىكى كۆمۈر كان ۋەقەسىدە 83 ئادەم ئۆلگەن ئىدى.

بۇ ئارىدا شىنخۇئا ئاخبارات ئاگېنتلىقى، خېيلوڭجاڭدىكى چىتاخېي كۆمۈر كېنىدا بۇ يىل نويابىردا يۈز بەرگەن كۆمۈركان ۋەقەسىدە ئۆلگەنلەرنىڭ ئائىلە - تاۋاباتلىرى كۆمۈر كان ئىگىلىرى بىلەن تۆلەم تۆلەش مەسىلىسى بويىچە كېلىشىم ھاسىل قىلغانلىقىنى خەۋەر قىلدى. كېلىشىم بويىچە كۆمۈر كان ئىگىلىرى ھەر بىر ئۆلگەن ئىشچىغا 200 مىڭ يۈئەندىن تۆلەم تۆلەشكە ماقۇل بولغان.

بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي دۆلەتلىك ئىشلەپچىقىرىش بىخەتەرلىك ئىدارىسىنىڭ باشلىقى لى يىجوڭ، كۆتۈرۈش ئىقتىدارىدىن ئاشۇرۇپ كۆمۈر ئىشلەپچىقارماقچى بولغان كانلارنىڭ " قاتتىق قوللۇق" بىلەن باشقۇرۇلىدىغانلىقىنى بىلدۈرگەن. لىنىڭ تەكىتلىشىچە، بۇ يىل 31 - دېكابىرغا قەدەر خىتاي بويىچە 4000 كۆمۈر كان تاقىۋېتىلىدىكەن.(ئەركىن)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.