ئەركىن ئاسىيا رادىئومىزنىڭ ئىگىلىگەن خەۋىرىدىن مەلۇم بولۇشىچە، 11 - ئاينىڭ 5 - كۈنىدىن 12 - كۈنىگە قەدەر خىتايدا جەمئىي 4 قېتىم كان ۋەقەسى يۈز بەرگەن بولۇپ، ئۆلگەن ۋە ئىز دېرەكسىز يوقاپ كەتكەنلەر سانى 104 كە يەتكەن.
خەۋەرلەردە كۆرسىتىلىشىچە، 11 - ئاينىڭ 12 - كۈنى شەنشىدە يۈز بەرگەن كان ۋەقەسىدە 25 ئادەم ھاياتىدىن ئايرىلغان بولۇپ 9 ئادەم ئىز - دېرەكسىز يوقاپ كەتكەن. شۇنداقلا 11 - ئاينىڭ 5 ، 7 ۋە 8 - كۈنلىرى خۇنەن ۋە سەنشى قاتارلىق جايلاردا ئارقا - ئارقىدىن يۈز بەرگەن كان ۋەقەلىرىدىن كېيىن، مەزكۇر كانلارنىڭ باشلىقلىرى قېچىپ كەتكەن.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىدە، خىتايدىكى نۇرغۇنلىغان كۆمۈر كانلارنىڭ لاياقەتلىك كىنىشكىسى يوق ئىكەنلىكى ھەمدە مۇداپىئەلىنىش ئەسۋابلىرىمۇ ئىنتايىن كەم ئىكەنلىكى تەكىتلىنىپ "خىتايدىكى كۆمۈر كانلار دۇنيا بويىچە ئەڭ خەتەرلىك كۆمۈر كان بولۇپ ھېسابلىنىدۇ" دەپ باھا بېرىلگەن. (مېھرىبان)