خىتاي ھۆكۈمىتى سەككىز كاتولىكنى قولغا ئالدى

مەركىزى ئامېرىكىدىكى، خىتايدىكى دىنىي ئەركىنلىكنى كۆزىتىش تەشكىلاتىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى -6 ئاۋغۇست كۈنى خېبېي ئۆلكىسىدىكى سۇجايجوڭ يېزىسىدا بىر يەر ئاستى كاتولىك چېركاۋىغا ئەزا سەككىز كىشىنى قولغا ئالغان.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، خىتاي ساقچىلىرى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنغان مەزكۇر سەككىز كىشىنىڭ ھەممىسى باۋدىڭ شەھەرلىك تۈرمىدە تۇتۇپ تۇرۇلماقتا.

خىتاي ھۆكۈمىتى -1951 يىلى ۋاتىكان بىلەن مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈپ، كاتولىكلار نىڭ دىنىي داھىيسى رىم پاپىسىنى ئېتىراپ قىلمايدىغانلىغىنى بىلدۈرگەن. ھەمدە خىتايدىكى كاتولىك مەزھىپىدىكى خرىستىئانلارنىڭ ھۆكۈمەتنىڭ كونتروللىقىدىكى چېركاۋلاردا ئىبادەت قىلىشىنى تەلەپ قىلغان ئىدى.

لېكىن، ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، خىتايدىكى نۇرغۇن كاتولىكلار ھېلىمۇ رىم پاپىسىنى ئۆزلىرىنىڭ دىنىي داھىيسى دەپ قاراپ، خىتاي ھۆكۈمىتى تەرىپىدىن قولغا ئېلىنىپ كېتىش خەۋپىگە قارىماي، خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ كونترولى سىرتىدىكى چېركاۋلاردا ۋە ياكى ئۆيلەردە ئىبادەت قىلىدۇ.

خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ رەسمى ئىستاتىستىكىلىرىغا قارىغاندا، خىتايدىكى كاتولىكلار سانى 4 مىليوندىن ئاشمايدۇ، ئەمما مەركىزى ئامېرىكىنىڭ ستاندفورد شەھىرىدىكى "كاردىنال كوڭ فوندى" نىڭ بىلدۈرۈشىچە، خىتايدىكى كاتولىكلار نىڭ سانى 12 مىليوندىن ئاشىدىكەن. (قانات)