خىتاي ۋاتىكان بىلەن مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزۈۋاتقان بولۇشى مۇمكىن

خىتاي دائىرىلىرى سەيشەنبە كۈنى رىم ۋاتىكانى بىلەن بېيجىڭدا جۇڭگو - ۋاتىكان مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش مەسىلىسى بۇيىچە مەخپىي سۆھبەت ئۆتكۈزىۋاتقانلىقى ھەققىدىكى خەۋەرلەرگە باھا بېرىشنى رەت قىلدى. لېكىن ۋاتىكانغا سۆھبەت ئىشىكىنىڭ ئوچۇق ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى.

خوڭكوڭ كاتولىك رايونىنىڭ بىشوپى چېن رىجۈن، دۈشەنبە كۈنى ۋاتىكاننىڭ ۋەكىلى جۇڭگو تەرەپ بىلەن بېيجىڭدا ئىككى تەرەپ مۇناسىۋىتىنى نورماللاشتۇرۇش بۇيىچە مەخپىي سۆھبەت ئېلىپ بارغانلىقىنى ئاشكارىلىغان. لېكىن ئۇ، ۋاتىكان سۆھبەت ۋەكىلىنىڭ ھازىرغىچە بېيجىڭدا ياكى ئەمەسلىكىنى ۋە سۆھبەت مەزمۇنىنى ئاشكارىلىمىدى.

خىتاي تاشقىي ئىشلار مىنىستىرلىقى باياناتچىسى جياڭ يۈي، مۇخبىرلارنىڭ سۆھبەت ھەققىدىكى سۇئالىغا " ۋەقەدىن خەۋىرىم يوق" دەپ جاۋاب بەرگەن. جياڭ يۈنىڭ ئەسكەرتىشىچە، ۋاتىكان دىننى باھانە قىلىپ جۇڭگونىڭ ئىچكى ئىشلىرىغا ئارلاشمايدىغانلىقىنى جاكارلىسا، جۇڭگو ئۇنىڭ بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋەت ئورنىتىدىكەن.

خىتاي ھۆكۈمىتى جۇڭگودا 4 مىليون كاتولىك مۇخلىسى بارلىقىنى بىلدۈرمەكتە. لېكىن ۋاتىكاننىڭ پەرىزىچە، خىتايدا كاتولىكلار 10 مىليونغا يېتىشى مۇمكىن. خىتاي دائىرىلىرى 5 - ئايدا 2 كاتولىك بىشوپىنى ۋاتىكاننىڭ رۇخسىتىسىز ۋەزىپىگە تەيىنلىگەندىن كېيىن، جۇڭگو - ۋاتىكان مۇناسىۋىتى ئوڭۇشسىزلىققا ئۇچرىغان ۋە رىم پاپاسى بۇ 2 بىشوپنى كاتولىك جەمىيىتىدىن قوغلاپ چىقارغان ئىدى.

جۇڭگو بىلەن ۋاتىكان 1951 - يىلى دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزگەندىن بېرى، بۇ مۇناسىۋىتىنى ھازىرغىچە ئەسلىگە كەلتۈرەلمىدى. بېيجىڭ ھۆكۈمىتى ۋاتىكان تەيۋەن بىلەن دىپلوماتىك مۇناسىۋىتىنى ئۈزۈشى كېرەك، دەپ قارىماقتا. (ئەركىن)