خىتاي بىلەن فىلىپپىن بىر يېرىم مىليارد دوللارلىق سودا كېلىشىمى تۈزدى


2005.04.27

فىلىپپىندا زىيارەتتە بولىۋاتقان خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ چارشەنبە كۈنى، فىلىپپىن دائىرىلىرى بىلەن بىر يېرىم مىليارد ئامېرىكا دوللىرى قىممىتىدىكى 14 تۈرلۈك سودا كېلىشىمى تۈزدى.

خىتاي رەئىسى خۇ جىنتاۋ، فىلىپپىننىڭ تەبىئىي بايلىقىنىڭ موللىقىنى، ئەمما ئۇنى ئېچىش خىزمەتلىرىنىڭ يېتەرلىك بولمايۋاتقانلىقىنى ئەسكەرتىپ، يۇقىرىدا بېرىلگەن پۇلنىڭ 2/3 قىسمىنى فىلىپپىننىڭ تەبىئىي بايلىقىنى ئېچىش ئىشلىرىغا ئىشلىتىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي ئىقتىسادىنىڭ تەرەققىي قىلىشىغا ئەگىشىپ، خىتاي ھۆكۈمىتى ئاسىيادىكى خوشنا دۆلەتلەر بىلەن بولغان سودا ئالاقىنى كۈچەيتىشكە ئالاھىدە ئەھمىيەت بېرىۋاتقان بولۇپ، فىلىپپىن بۇلارنىڭ ئارىسىدىكى مۇھىم نىشانلارنى بىرى ھېسابلىنىدۇ.(پەرىدە)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.