سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى بېيجىڭدا خىتاي بىلەن كېلىشىم ئىمزالىدى

خىتاينى زىيارەت قىلىۋاتقان سەئۇدى ئەرەبىستاننىڭ پادىشاھى ئابدۇللا 23 ‏- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇجىنتاۋ بىلەن كۆرۈشتى. شىنخۇئا ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سەئۇدى ئەرەبىستان ۋە خىتاي رەھبەرلىرى ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدىكى مۇناسىۋەتلەرنى تېخىمۇ تەرەققى قىلدۇرۇش مەسىلىسى ئۈستىدە سۆھبەتلەشكەن.

سەئۇدى ئەرەبىستان پادىشاھى ئابدۇللانىڭ خىتاي زىيارىتى جەريانىدا، خىتاي بىلەن سەئۇدى ئەرەبىستان ئوتتۇرىسىدا ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق كېلىشىمى ئىمزالانغان. فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، 23 ‏- يانۋار كۈنى بېيجىڭدا، سەئۇدى ئەرەبىستان نېفىت مىنىستىرى ۋە خىتاي دۆلەت تەرەققىيات ۋە ئىسلاھات كومىتېتى رەئىسى تەرىپىدىن ئىمزالانغان ھەمكارلىق كېلىشىمى، ئىككى دۆلەتنىڭ نېفىت، تەبئىي گاز ۋە رودا ساھەسىدە ھەمكارلىشىشىنى ئۆز ئىچىگە ئالىدىكەن.

خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىم ھەققىدە تەپسىلى مەلۇمات بېرىلمىگەن. ئەمما سەئۇدى ئەرەبىستان تاشقى ئىشلار مىنىستىرى شاھزادە سەئۇد ئەلفەيسەل، كېلىشىمنىڭ ئىمزالىنىش مۇراسىمىدىن بۇرۇن بەرگەن باياناتىدا، بۇ كېلىشىم كەلگۈسىدە ئىككى دۆلەتنىڭ ئېنېرگىيە ساھەسىدە يېقىندىن ھەمكارلىشىشىغا شارائىت ھازىرلاپ بېرىدۇ، دېدى

ئېنېرگىيە مۇتەخەسسىسلىرى، سەئۇدى ئەرەبىستان بىلەن خىتاي ئوتتۇرىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمنىڭ ئىككى دۆلەت ئېنېرگىيە ساھەسىدە ھەمكارلىق توغرىسىدا ئىمزالىغان تۇنجى كېلىشىم ئىكەنلىكىنى بىلدۈرمەكتە.

سەئۇدى ئەرەبىستان دۇنيادىكى نېفىت ئېكسپورت قىلىدىغان ئەڭ چوڭ دۆلەت، خىتاي بولسا نېفىت ئىمپورت قىلىدىغان ئىككىنچى چوڭ دۆلەت ھېسابلىنىدۇ. خەۋەرلەرگە قارىغاندا، خىتاي ئۆتكەن يىلى سەئۇدى ئەرەبىستاندىن 20 مىليون توننىدىن كۆپ نېفىت ئىمپورت قىلغان. (قانات)