فرانسىيە پرېزىدېنتى جاك شىراك پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى دۆلەت ئوتتۇرىسىدا تۈزۈلگەن 14 تۈرلۈك ھەمكارلىق كېلىشىمىگە قول قويدى.
فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ بۇ ھەقتە بەرگەن خەۋىرىگە قارىغاندا، ئىككى تەرەپ ئوتتۇرىسىدا ماقۇللانغان كېلىشىمنامە ئىچىدە ، فرانسىيىنىڭ خىتايغا A 320 ۋە A350 تىپلىق يولۇچىلار ئايرۇپىلانى ياساپ بېرىشى ھەققىدىكى كېلىشىمنامىمۇ بار بولۇپ، بۇنىڭ قىممىتى 1 مىليارد ئامېرىكا دوللىرىغا يېتىدىكەن.
بۇ قېتىمقى ئۇچرىشىشتا شىراك بىلەن خۇ جىنتاۋ بىرلەشمە بايانات ئېلان قىلىپ، ياۋرۇپا بىرلىكىنىڭ خىتايغا بېرىلگەن قورال - ياراق ئىمبارگوسىنىڭ تېزراق بىر تەرەپ بولۇشىنى ئۈمىد قىلىدىغانلىقىنى بىلدۈرۈشتى.
ئىككى تەرەپ يەنە، شىمالىي كورىيە يادرو قوراللىرى مەسىلىسىنى قانداق بىر تەرەپ قىلىش ۋە ئورتاق كۈچ چىقىرىپ، ئىراننىڭ ئوران تاۋلاش ھەرىكىتىنى توختىتىش قاتارلىق مۇھىم ئىستراتېگىيىلەر ئۈستىدە مۇزاكىرىلەشكەن.
خۇ جىنتاۋ بىلەن شىراك ئارىسىدا ئىمزالانغان كېلىشىمدە، خىتاي تەرەپ دۆلەت ئىچىدىكى كىشىلىك ھوقۇق مەسىلىسنى ياخشىلاپ، خەلقىنىڭ ئەقەللى ھوقۇقلاردىن بەھرىمەن بولۇشىغا يول قويۇش ھەققىدە ۋەدە بەرگەن.
بۇ شىراكنىڭ ۋەزىپىگە تەيىنلەنگەندىن بېرى 4 - قېتىم خىتاينى زىيارەت قىلىشى بولۇپ، ئۇ پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭ ئۇنىۋېرسىتېتىدا نۇتۇق سۆزلىگەن. شىراك خىتايدىكى زىيارىتىنى شەنبە كۈنى ئاياقلاشتۇرىدۇ. (ئەقىدە)