ئامېرىكا ۋە خىتاي زەھەرلىك چىكىملىككە ئورتاق قارشى تۇرۇش ھەققىدە باياناتنامە ئىمزالىدى

ئامېرىكا زەھەرلىك چېكىملىكنى كونترول قىلىش ئىدارىسىنىڭ باشلىقى كەرىن تەندى پەيشەنبە كۈنى بېيجىڭدا، خىتاي دۆلەتلىك زەھەرلىك چېئىكىملىكنى چەكلەش كومىتېتى بىلەن زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە بىرلىكتە زەربە بېرىش باياناتنامىسىنى ئىمزالىدى.

رويترىس ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، بۇنىڭ بىلەن ئامېرىكا ۋە خىتاي دائىرىلىرى زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكىگە زەربە بېرىش خىزمىتىدىكى ئۇچۇرلارنى ئورتاقلىشىدىكەن.

كەرىن تەندى سۆزىدە: "مەزكۇر باياناتنامىنىڭ ئىمزالىنىشى، ئىككى دۆلەتنىڭ زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتىكى ھەمكارلىقىنىڭ يېڭى بىر دەۋرگە كىرگەنلىكىنى ئىپادىسى" دېگەن.

خىتايدا زەھەرلىك چېكىملىك ئەتكەسچىلىكى مەسىلىسى ئېغىر بولۇپ، ھەر يىلى 70 ، 80 توننا خېروئىن " ئالتۇن ئۈچ بۇرجەكلىك رايون" دىن خىتايغا ئەتكەس قىلىنىدۇ.

رويترىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، گەرچە ئامېرىكا ۋە خىتاي ئىستراتېگىيىلىك رەقىبلەردىن بولسىمۇ، ئەمما نۇرغۇن ساھەلەردە ھەمكارلىقنى كۈچەيتمەكتە. ئامېرىكا ۋە خىتاي زەھەرلىك چېكىملىككە قارشى تۇرۇش جەھەتتە 1985 - يىلىدىن باشلاپ ھەمكارلىق ئورناتقان. (ئارزۇ)