خىتاينىڭ سىچۇەن ئۆلكىسىدە نەچچە كۈندىن بۇيان ئۇدا ياغقان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن، كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ ئاز دېگەندە 170 كىشى قازا قىلدى ۋە 60 نەچچە كىشىنىڭ ئىز دېرىكى تېپىلمىدى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، كەلكۈن سەۋەبىدىن يارىلانغان ۋە ئاغرىپ قالغان كىشىلەرنىڭ سانى 10 مىڭغا يەتكەن. شۇنداقلا سىچۇەن ئۆلكىسى ھازىر دورا بويۇملار، يىمەكلىك ۋە ئىچىملىك سۈغا جىددىي ئېھتىياجلىق بولماقتا.
كەلكۈن ئاپىتىنىڭ تەسىرىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان سىچۇەن ئۆلكىسىنىڭ چۇڭچىڭ شەھىرىدىلا 97 كىشى قازا قىلغان ۋە 39 كىشى يوقاپ كەتكەن. ھەتتا بەزى جايلاردا كەلكۈندىن توپلانغان سۇلار 4 قەۋەتلىك بىنانى قاپلاپ كەتكەن.
خىتاي كۈندىلىك گېزىتىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، خىتاي ھۆكۈمىتى كەلكۈن ئاپىتى سەۋەبىدىن ھازىرغىچە 450 مىڭ كىشىنى تارقاقلاشتۇرغان بولۇپ كەلكۈن رايونىدا 127 مىڭدىن كۆپ ئۆي ۋەيران بولغان. بۇنىڭدىن سىرت ھازىر يەنە، چاڭجىياڭ سەنشىيا توسمىسىنىڭ سۇ يۈزى پەخەس بولۇش سىزىقىدىنمۇ ئېشىپ كەتكەن. (پەرىدە)