خېيلوڭجياڭدىكى كەلكۈندە ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 91 غا يەتتى
2005.06.12
خېيلوڭجياڭ ئۆلكىسىنىڭ نىڭئەن شەھىرى شالەن يېزىسىدا يۈز بەرگەن كەلكۈن ئاپىتىنىڭ زەربىسىگە ئۇچراپ ئۆلگەنلەرنىڭ سانى 91 گە يەتتى.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، ئۆلگەنلەرنىڭ 87 سى بىر باشلانغۇچ مەكتەپنىڭ ئوقۇغۇچى، 4 ئى يېزا ئاھالىسى ئىكەن. بۇنىڭدىن سىرت، يىگىرمە نەچچە ئادەم ئاپەتتە ئېغىر يارىلىنىپ، دوختۇرخانىدا جىددىي قۇتقۇزۇلماقتا.
جۈمە كۈنى چۈشتىن كىيىن، شالەن يېزىسىدا قاتتىق يامغۇر يېغىپ، كەلكۈن ۋە قۇم - شېغىللارنىڭ ئېقىش ئاپىتى يۈز بەرگەن ئىدى. ئاپەت يۈز بەرگەندە، يېزىلىق باشلانغۇچ مەكتەپتىكى 400 گە يېقىن ئوقۇتقۇچى ۋە ئوقۇغۇچى مەكتەپتە قامىلىپ قالغان بولۇپ، ھازىرغىچە 87 سىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئىنىقلانغاندىن سىرت، قانچىسىنىڭ يوقالغانلىقى تېخى ئېنىق ئەمەس ئىكەن.
خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى ئاپەتتىن قۇتقۇزۇش ئىشلىرىنىڭ جىددىي داۋام قىلىۋاتقانلىقىنى بىلدۈرمەكتە.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدە ئېيتىلىشىچە، شالەن يېزىسىدا كەلكۈن ئاپىتى يۈز بېرىپ بىر كۈندىن كېيىن، ئاپەتتە ئۆلگەنلەر ھەققىدىكى مەلۇماتلار ئاستا- ئاستا ئاشكارىلىنىشقا باشلىغان. دەسلەپكى مەلۇماتلاردا پەقەت 27 كىشىنىڭ ئۆلگەنلىكى ئېلان قىلىنغان. خىتاي ھۆكۈمەت دائىرىلىرى شەنبە ۋە يەكشەنبە كۈنلىرى ئاندىن ئۆلگەنلەر سانىنىڭ يەنىمۇ كۆپلۈكىنى مەلۇم قىلغان. (ئارزۇ)