خىتايدىكى كەلكۈن ئاپىتىدە ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلدى

خىتاينىڭ ھەر قايسى رايونلىرىدا ياققان قاتتىق يامغۇر ۋە بۇنىڭ ئارقىسىدىن يۈز بەرگەن تۇپراق كۆچۈش ۋەقەلىرىدە ئاز دېگەندە 47 كىشى ئۆلگەن، شۇنىڭدەك يول ۋە ئېلېكتىر ئىستانسىلىرى بۇزغۇنچىلىققا ئۇچرىغان.

خىتاي ئاخبارات ۋاسىتىلىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، خۇبىي ئۆلكىسى يامغۇر ۋە كەلكۈننىڭ زىيانكەشلىكىگە ئەڭ كۆپ ئۇچرىغان بولۇپ، بۇ ئۆلكىدە ھازىرغىچە ئۆلگەنلەر سانى 32 گە يەتكەن.

روئېتىرىس ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، ھوڭكوڭنىڭ شىمالىي رايونىغا جايلاشقان ۋە خىتاينىڭ ئەڭ مۇھىم ئىقتىسادىي مەركەزلىرى ھېسابلانغان شىنجىن ۋە دوڭگۋەن رايونلىرىدا ياققان قاتتىق يامغۇر سەۋەبىدىن مەيدانغا كەلگەن تۇپراق كۈچۈشى نەتىجىسىدە 8 كىشى ئۆلگەن. خەۋەردە ئېيتىلىشىچە، دوڭگۋەن رايونىدىكى ئاز دېگەندە ئون شەھەر كەلكۈن ئاپىتىگە ئۇچرىغان بولۇپ، شەھەرلەرنىڭ ئەڭ مۇھىم قىسىملىرى سۇ ئاستىدا قالغان.

خىتاي ھاۋارايى ئىدارىسى خادىملىرى، يامغۇر مۇشۇ ھەپتىنىڭ ئوتتۇرىغىچە خىتاينىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدا ئۈزلۈكسىز يېغىشى مۇمكىن دەپ ئاگاھلاندۇرماقتا. (قانات)