ھىندونېزىيىدە مەيدانغا كەلگەن سۇنامىدا ئاز دېگەندە 92 كىشى ئۆلدى

ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ئارىلىنىڭ جەنۇبىي قىسمىدا مەيدانغا كەلگەن سۇنامى يەنى دېڭىز كەلكۈنىدە ئۆلگەن ئادەم سانى 92 گە يەتتى.

ھىندونېزىيە ھۆكۈمەت خادملىرىنىڭ بىلدۈرۈشىچە، دېڭىز ئاستىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش ھادىسىسىدىن كېيىن، غەربىي جاۋا ئارىلىنىڭ پاگانداران رايونىدا مەيدانغا كەلگەن دېڭىز كەلكۈنىدە ئاز دېگەندە 62 كىشى ئۆلگەن ۋە ئونلىغان كىشى يارىلانغان.

ھېندىنوزىيە مىترو تېلېۋىزيىسىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، سۇنامى ۋە دېڭىز كەلكۈنى جاۋا ئارىلىنىڭ غەربىي ۋە مەركىزى رايونلىرىدىكى شەھەرلەردە، 30كىشىنىڭ ئۆلۈمىنى مەيدانغا كەلتۈرگەن. خەۋەردە يەنە ئېيتىلىشىچە، بۇ قېتىمقى ھادىسىدە 70 ئادەم ئىز-دېرەكسىز يوق بولۇپ كەتكەن.

دېڭىز ئاستىدا يۈز بەرگەن يەر تەۋرەش، ھىندونېزىيىنىڭ جاۋا ئارىلىنىڭ جەنۇبىي رايونلىرىدىكى دېڭىز بويىدىكى شەھەرلىرىدە، نۇرغۇن بىنالارنىڭ سۇ ئاستىدا قىلىشىغا ۋە مىڭلىغان كىشىنىڭ ئۆي- يۇرتلىرىنى تاشلاپ قىچىشىغا سەۋەب بولغان.

2003‏- يىلى مەيدانغا كەلگەن سۇنامى يەنى دېڭىز كەلكۈنىدە، ھىندونېزىيە، سىرىلانكا، تايلاند ۋە ئەتراپتىكى دۆلەتلەردىن بولۇپ، ئىككى يۈز مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلۈمىگە يول ئاچقان، مەزكۇر تەبئىي ئاپەت بۇ دۆلەتلەرگە نۇرغۇنلىغان ئىقتسادىي زىيان ئېلىپ كەلدى. (قانات)