ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف چارشەنبە كۈنى خىتايدىكى زىيارىتىنى رەسمىي باشلىدى. بۇ، كەرىموفنىڭ ئىككى ھەپتىنىڭ ئالدىدا ئەنجاندىكى ئاممىۋى ھەرىكەتلەرنى باستۇرغاندىن كېيىنكى تۇنجى چەتئەل زىيارىتى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.
كەرىموف خىتايدىكى زىيارىتى داۋامىدا، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ بىلەن كۆرۈشۈپ، ئىككى تەرەپنىڭ ھەر ساھەدىكى ھەمكارلىق مۇناسىۋەتلىرى ۋە رايوننىڭ بىخەتەرلىكى مەسىلىلىرىنى ئۆز ئىچىگە ئالغان بىر قاتار رايون خاراكتېرلىك ۋە خەلقئارا مەسىلىلەر بويىچە سۆھبەت ئۆتكۈزگەن.
ئامېرىكا بىرلەشمە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىگە قارىغاندا، كەرىموفنىڭ خىتايدىكى زىيارىتى ئەنجان ۋەقەسىدە خىتاينىڭ قوللىشىغا ئېرىشىشنى مەقسەت قىلىشتىن سىرت، ئىقتىسادىي ھەمكارلىقمۇ ئۇنىڭ بۇ قېتىملىق سەپىرىنىڭ يەنە بىر مۇددىئاسى بولغان. شۇنداقلا ئۇ يەنە خىتاي دائىرىلىرى بىلەن 600 مىليون دوللارلىق ئېنېرگىيە سودىسى ئىمزالىغان.
خىتاي، كەرىموفنىڭ ئەنجان ئاممىسىنى باستۇرۇش ھەرىكىتىنى قوللىغان ناھايىتى ئاز ساندىكى دۆلەتلەرنىڭ بىرى بولۇپ، خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقى سەيشەنبە كۈنىدىكى مۇخبىرلارنى كۈتىۋېلىش يىغىنىدا، "بىز، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنىڭ بۆلگۈنچىلىك، تېررورچىلىق ۋە دىنىي رادىكال قاتارلىق 3 خىل كۈچكە زەربە بېرىشىنى قەتئىي قوللايمىز" دېگەن. (پەرىدە)