ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف خىتايدىكى زىيارىتىنى ئاخىرلاشتۇردى

ئەنجاندىكى نامايىشنى باستۇرۇش بىلەن ئەيىبلەنگەن ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كېرىموف، جۈمە كۈنى خىتايدىكى 3 كۈنلىك زىيارىتىنى ئاخلاشتۇرۇپ دۆلىتىگە قايتتى. زىيارەت جەريانىدا كېرىموف، خىتاي دۆلەت رەئىسى خۇ جىنتاۋ، باش مىنىستىر ۋېن جياباۋلار بىلەن ئىككى دۆلەتنىڭ ئاتالمىش تېرورچىلىققا قارشى تۇرۇش، ئېنېرگىيە، قاتناش ۋە ئاساسى ئەسلىھەلەر ھەمكارلىقىنى كۈچەيتىش توغرىسىدىكى بىر قاتار كېلىشىملەرگە ئىمزا قويدى.

كېرىموف بىلەن خۇ جىنتاۋ، "ئۆزبېكىستان - خىتاي دوستلۇق، ھەمكارلىق ۋە شېرىكلىك مۇناسىۋەتلەر شەرتنامىسى" قاتارلىق 14 خىل كېلىشىم ئىمزالىغان. بۇ كېلىشىملەر ئۆزبېكىستان دۆلەتلىك نېفىت - تەبئىي گاز شىركىتى بىلەن جوڭگو دۆلەتلىك نېفىت تەبئىي گاز شىركەتلەر گۇرۇھىنىڭ 600 مىليون دوللارلىق بىرلەشمە نېفىت كارخانىسى قۇرۇش كېلىشىمى ئۆز ئىچىگە ئالىدۇ.كېرىموفنىڭ بۇ قېتىمقى سەپىرى خىتاينى 4 - قېتىم زىيارەت قىلىشى بولۇپ ھېسابلىنىدۇ.

كېرىموف ھۆكۈمىتىنىڭ يېقىندا ئەنجاندىكى خەلق نامايىشىنى باستۇرۇش ھەرىكىتى ئامېرىكا ۋە ش ئا ئو ئە ت قاتارلىق دۆلەتلەرنىڭ تەنقىدىگە ئۇچرىغان. ش ئا ئو ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەرنىڭ پارلامېنت باشلىقلار يىغىنى جۈمە كۈنى خورۋاتىيە پايتەختى ليۇبلىيانادا باشلاندى. بىرلەشمە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋەر قىلىشىچە، يىغىندا ش ئا ئو ئە ت غا ئەزا دۆلەتلەر ئۆزبېكىستاننى تەنقىد قىلىشى قىلىشى مۈمكىن. ئەمما ئامېرىكا ئەنجاندىكى باستۇرۇشنى تەنقىد قىلىش بىلەن بىرگە ئۆزبېكىستاننىڭ تېررورىزمغا قارشى تۇرۇش ھوقۇقى بار، دەپ كۆرسەتمەكتە. (ئەركىن)