خىتاي ھۆكۈمىتى "تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش" تە ئۆزبېكىستان بىلەن بىر سەپتە ئىكەنلىكىنى بىلدۈردى


2005.05.26

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف خىتايدىكى زىيارىتىنى داۋاملاشتۇرىۋاتقان بىر پەيتتە، خىتاي ھۆكۈمىتى بايانات ئېلان قىلىپ، " تېررورچىلىققا قارشى كۈرەش" تە ئۆزبېكىستان بىلەن بىر سەپتە تۇرىدىغانلىقىنى بىلدۈردى.

خىتاي تاشقى ئىشلار مىنىستىرلىقىنىڭ باياناتچىسى كۇڭ چۈئەن باياناتىدا، " شەرقىي تۈركىستان بۆلگۈنچىلىرى خىتاي تېررىتورىيىسىدە نۇرغۇن ۋەقەلەرنى تۇغدۇردى. ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتى بۇ مەسىلىدە خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ مەيدانىنى تولۇق چۈشىنىپ قوللىدى. بىز تېررورچىلىققا قارشى ھەرىكەتلەردە مۇناسىۋەتلىك دۆلەتلەر بىلەن ھەمكارلىقنى كۈچەيتىشنى خالايمىز" - دېدى.

فرانسىيە ئاخبارات ئاگېنتلىقىنىڭ ئانالىزچىلارنىڭ سۆزىنى نەقىل كەلتۈرۈشىچە، ئۆزبېكىستان خىتاي ھۆكۈمىتىنىڭ ئۇيغۇر مۇستەقىلچىلىرىنى باستۇرۇش سىياسىتىنى يۈرگۈزۈشىدە ئىنتايىن مۇھىم رول ئوينايدىكەن.

ئۆزبېكىستان پرېزىدېنتى ئىسلام كەرىموف چارشەنبە كۈنى خىتايغا قىلغان زىيارىتىنى باشلىغان بولۇپ، ئۇ پەيشەنبە كۈنى خىتاي باش مىنىستىرى ۋىن جياباۋ بىلەن كۆرۈشكەن. نۇرغۇن چەتئەل مەتبۇئاتلىرى كەرىموفنىڭ ئەنجاندىكى قانلىق ۋەقەدىن كېيىن، خەلقئارادا يالغۇز قېلىشتىن ساقلىنىش ئۈچۈن، خىتاينى زىيارەت قىلغانلىقىنى بىلدۈرگەن.

بۇ ئارىدا، شىمالىي ئاتلانتىك ئەھدى تەشكىلاتى ۋە ئامېرىكا ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىگە قاراتقان بېسىمنى كۈچەيتتى. ئۇلار ئۆزبېكىستاندىن 13 - ماي كۈنى ئەنجاندا يۈز بەرگەن قانلىق ۋەقە ئۈستىدىن خەلقئارالىق تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. ۋەقەنىڭ شاھىدلىرى ئەنجاندىكى توقۇنۇشتا ھۆكۈمەت دائىرىلىرىنىڭ پۇقرالارغا ئوق چىقىرىپ، مىڭغا يېقىن ئادەمنىڭ ئۆلىشىنى كەلتۈرۈپ چىقارغانلىقىنى بىلدۈرگەن. ئەمما كەرىموف ھۆكۈمىتى بۇنى رەت قىلىپ، ۋەقەدە ئۆلگەن 169 كىشىنىڭ كۆپىنچىسىنىڭ " تېررورچى" لار ئىكەنلىكىنى كۆرسەتكەن ئىدى.

مەركىزى ئامېرىكىدىكى خەلقئارا كىشىلىك ھوقۇقنى كۆزىتىش تەشكىلاتىمۇ پەيشەنبە كۈنى بايانات ئېلان قىلىپ، ئۆزبېكىستان ھۆكۈمىتىنى ئەنجاندىكى ۋەقەنىڭ ھەقىقىتىنى يوشۇردى دەپ ئەيىپلىدى ھەمدە خەلقئارا جەمئىيەتنى ئۆزبېكىستانغا بېسىم ئىشلىتىپ، بۇ ۋەقە ئۈستىدىن تەكشۈرۈش ئېلىپ بېرىشنى تەلەپ قىلدى. (ئارزۇ)

پىكىر قوشۇڭ

رادىئونىڭ ئىشلىتىش شەرتلىرىگە ئاساسەن، پىكىرلىرىڭىز تەكشۈرگۈچىلەر تەرىپىدىن تەستىقلىنىشى ۋە مۇۋاپىق دەرىجىدە تەھرىرلىنىشى تۈپەيلى، تور بەتتە دەرھال پەيدا بولمايدۇ. سىز قالدۇرغان مەزمۇنغا ئەركىن ئاسىيا رادىئوسى جاۋابكار بولمايدۇ. باشقىلارنىڭ كۆز قارىشى ۋە ھەقىقەتكە ھۆرمەت قىلىشىڭىزنى سورايمىز.