سارس تەھدىتى يەنە باشلاندى

فرانسىيە ئاگېنتلىقىنىڭ خەۋىرىدىن مەلۇم بولىشىچە، دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى سەيشەنبە كۈنى ئاگاھلاندۇرۇش بېرىپ، يۇقۇملۇق سارس كېسىلىنىڭ بۇ يىل قىشتا يەنە قايتا قوزغىلىش مۇمكىنچىلىكىنى ئىلگىرى سۈرگەن. چۈنكى سارس كېسىلى خىتايدا ھازىرغا قەدەر تەلتۆكۈس يوقىتىلمىغان.

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، شاڭخەيدە ئۆتكۈزۈلگەن مۇخبىرلارنى كۈتۈۋېلىش يىغىنىدا، "سارس مىكروبىنىڭ قوزاندىن ئىبارەت بۇ خىل ھايۋاندىن تەلتۆكۈس يوقاپ كەتمىگەنلىكى ھەققىدە قولىمىزدا ھېچقانداق ئىسپات يوق، شۇڭا بۇ خىل مىكروب يەنە ھەرقانداق ۋاقىتتا ئادەملەرگە يوقىشى مۇمكىن" دەپ ئوتتۇرىغا قويغان .

دۇنيا سەھىيە تەشكىلاتى، ئۆزىگە ئەزا دۆلەتلەرنى ئۆز- ئارا ھەمكارلىشىشقا چاقىرىپ، ئورتاق يوسۇندا سارسنىڭ قايتا تەكرارلىنىشىنىڭ ئالدىنى ئېلىشنى تەلەپ قىلدى.

ئۆتكەن يىلى پۈتۈن دۇنيادا 8 مىڭ ئادەم سارستىن يۇقۇملىنىپ، 800 ئادەم بۇ كېسەل سەۋەبىدىن ھاياتىدىن ئايرىلغان ئىدى. (ئەقىدە)